سايلامغا بىر ھەپتە قالغاندا بىر ياش ئۆزىنىڭ كىلىنتوننىڭ ئوغلى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا داننېي ۋىليامس ئىسىملىك قارا تەنلىك بىر ياش، ئۆزىنىڭ سابىق پىرېزىدېنت بىل كىلىنتوننىڭ ئوغلى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، DNA تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكۈزۈلۈشىنى تەلەپ قىلدى.

601963
سايلامغا بىر ھەپتە قالغاندا بىر ياش ئۆزىنىڭ كىلىنتوننىڭ ئوغلى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكىدىكى پىرېزىدېنتلىق سايلىمىغا بىر ھەپتىدىنمۇ ئاز ۋاقىت قالغاندا دېموكراتىيە پارتىيەسىنىڭ پىرېزىدېنت نامزاتى ھىلارى كىلىنتوننىڭ ئۆگەي ئوغلى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ۋىليامس، پايتەخت ۋاشىنگتوندىكى دۆلەتلىك ئاخبارات كۇلۇبىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. ئۇ، «مەن بىل كىلىنتوننىڭ ئوغلى. ھىلارى مېنىڭ ئۆگەي ئانام، چېلسې مېنىڭ قېرىندىشىم» دېگەن سۆزلەر ئارقىلىق ئۆزىنى تونۇشتۇرۇپ، دەۋالىرىنىڭ ئىسپاتلىنىشى ئۈچۈن، DNA تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكۈزۈلۈشىنى تەلەپ قىلدى.

ئامېرىكىنىڭ ئاركانساس ئىشتاتىدا ياشايدىغان مەزكۇر ياش، دەۋاسىنىڭ يېڭى ئەمەسلىكىنى، 1990 – يىلىدىن بۇيان بۇنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتقانلىقىنى، ئۆزىنىڭ بىل كىلىنتوننىڭ ئوغلى ئىكەنلىكىنى، زەھەرلىك چېكىملىككە خۇمار بولۇپ قالغان ئانىسىدىن كېچىك ۋاقتىدا ئايرىلىپ قالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ھالدا،  كىلىنتون ئائىلىسىنىڭ ئۆزى بىلەن ئالاقە ئورنىتىشىنى تەلەپ قىلدى.

«جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ نامزاتى دونالد ترامپ تەرىپىدىن مەبلەغ بىلەن تەمىنلىنىپ تەمىنلەنمىگەنلىكى» توغرىسىدىكى سوئالغا ئاچچىقلانغان ۋىليامس، ئادۋوكات چىقىملىرىدىن تارتىپ بارلىق سەرپىياتلارنى ئۆزىنىڭ قىلغانلىقىنى، بۇ كۈرىشىنىڭ پىرېزىدېنتلىق سايلىمى بىلەن ئالاقىسىنىڭ يوقلۇقىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر