خىرىستىيانلارنىڭ دىنىي مۇراسىمى جەريانىدا غار گۆمۈرۈلۈپ چۈشتى
خىرىستىيانلارنىڭ دىنىي مۇراسىمى جەريانىدا غارنىڭ قىسمەن گۆمۈرۈلۈپ چۈشۈشى سەۋەبىدىن 10 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ۋە 4 كىشىنىڭ يارىدار بولغانلىقىنى بىلدۈرۈلدى.
602239
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بېرازىلىيەنىڭ توكانتېنس ئۆلكىسىدە خىرىستىيانلارنىڭ «ئەزىزلەر كۈنى» مۇناسىۋېتى بىلەن غاردا ئۆتكۈزگەن دىنىي مۇراسىمى جەريانىدا غار گۆمۈرۈلۈپ چۈشۈپ 10 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
ئۆلكىلىك ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى مەسئۇللىرى سانتا مارىيا شەھىرىدىكى مۇراسىم جەريانىدىمۇ 50 كىشىنىڭ يارىدار بولغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ئالاقىدار مەسئۇللار دىني مۇراسم جەريانىدا غارنىڭ قىسمەن گۆمۈرۈلۈپ چۈشۈشى سەۋەبىدىن 10 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ۋە 4 كىشىنىڭ يارىدار بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
يارىدارلار رايوندىكى دوختۇرخانىلاردا بالنېستقا ئېلىندى.