ھىندونېزىيەنىڭ باتام ئارىلىدا بىر كېمە چۆكۈپ كېتىپ 20 ئادەم قازا قىلدى
ھىندونېزىيەنىڭ باتام ئارىلىدا قانۇنسىز ئىشچىلارنى ئېلىپ ماڭغان بىر كېمە چۆكۈپ كېتىپ 20 ئادەم قازا قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندونېزىيەنىڭ شىمالىدىكى باتام ئارىلىدا قانۇنسىز ئىشچىلارنى ئېلىپ ماڭغان بىر كېمە چۆكۈپ كېتىپ 20 ئادەم قازا قىلدى.
نەق مەيدانغا كەلگەن ئىزدەش-قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرى ھازىرچە 39 ئادەمنى قۇتقۇزۇۋالدى.
بوران-چاپقۇن سەۋەبىدىن چۆكۈپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن كېمە، مالايشىيادا قانۇنسىز ئىشلەيدىغان 90دىن ئارتۇق ئىشچىنى ئېلىپ ماڭغانىدى.
شاھىتلار كېمىگە نورمىدىن ئارتۇق يولۇچى ئېلىنغانلىقى ئۈچۈن چۆكۈپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرۈشتى.
ھازىرغىچە تېپىلمىغان يولۇچىلار ئۈچۈن رايونغا يەنە قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرى ئەۋەتىلدى.
ۋىزا ھەققىنىڭ يۇقىرى بولۇشى سەۋەبىدىن ھىندونېزىيە بىلەن مالايشىيا ئوتتۇرىسىدا قانۇنسىز ئىشچى ھەرىكىتى كەڭ ئومۇملاشقان.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
پولشا: زېمىنىمىزغا يادرو قوراللىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا تەييارمىز
پولشا ئۆز زېمىنىغا يادرو قوراللىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.