ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى: مەككىگە بومبا ئېتىش مەسىلىسىنى جىددىي مۇزاكىرە قىلىمىز

ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى، ھۇسىيلارنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا قاراتقان ھۇجۇملىرى مۇناسىۋىتى بىلەن جىددىي يىغىن چاقىرىشنى قارار قىلدى.

601245
ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى: مەككىگە بومبا ئېتىش مەسىلىسىنى جىددىي مۇزاكىرە قىلىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى، ھۇسىيلارنىڭ يەمەندىن مەككە مۇكەررەمە تەرەپكە  قويۇپ بەرگەن باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىنى مۇزاكىرە قىلىش مەقسىتىدە شەنبە كۈنى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى دەرىجىسىدە جىددىي يىغىن چاقىرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى باش كاتىپى ئىياد مەدەنى (ئىستىپا بەردى) يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ھۇسىيلار بىلەن ئاغدۇرۇۋېتىلگەن رەھبەر ئەلى ئابدۇللاھ سالىھ تەرەپدارلىرىنىڭ مەككە مۇكەررەمەگە يېقىن جايغا قىلغان ھۇجۇمى ئوتتۇرىغا چىقارغان تەھدىتنى مۇزاكىرە قىلىش مەقسىتىدە شەنبە كۈنى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى دەرىجىسىدە يىغىن ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى، بۇ دائىرىدە تەشكىلاتنىڭ رەھبەرلىك ئاپپاراتلىرىغا تەكلىپنامە ئەۋەتىلگەنلىكىنى  ئەسكەرتتى.

يىغىننىڭ ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ جىددە شەھىرىدىكى باش كاتىپلىق مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە كۈچلەر قوماندانلىقى، ئۆتكەن پەيشەنبە كۈنى ھۇسىيلارنىڭ يەمەننىڭ سادا ۋىلايىتىدىن مەككە مۇكەررەمەگە قارىتىپ باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەرگەنلىكىنى، مەزكۇر بومبىنىڭ شەھەرگە چۈشۈشكە 65 كىلومېتىر قالغاندا بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن، ھۇسىيلار بولسا، بۇ باياناتنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر