ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى باش كاتىپى ئىياد مەدەنى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى

ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى باش كاتىپى ئىياد مەدەنىنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

600849
ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى باش كاتىپى ئىياد مەدەنى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا قاراشلىق خەلقئارا ئىسلام خەۋەر ئاگېنتلىقى، ئىياد مەدەنىنىڭ <سالامەتلىكىنىڭ يار بەرمىگەنلىكى> نى ئىلگىرى سۈرۈپ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەنلىكىنى، سەئۇدى ئەرەبىستان دائىرىلىرىنىڭ مەدەنىنىڭ ئورنىغا سابىق ئىجتىمائىي ئىشلار مىنىستىرى يۈسۈپ ئەھمەد ئەلئۇسەيمىننى نامزات قىلىپ كۆرسەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ئىياد مەدەنى 2014 – يىلى 31 – يانۋاردا باش كاتىپلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەشكە باشلىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر