ئىراق ئارمىيەسى دائېشنىڭ چاڭگىلىدىكى مۇسۇلنىڭ شەرقىي كىرىش ئېغىزىغا كىردى

ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى خەلقئارا ئىتتىپاقداش قىسىملارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ كېلىۋاتقان ئىراق ئارمىيەسى دائېشنىڭ چاڭگىلىدىكى مۇسۇلنىڭ شەرقىي كىرىش ئېغىزىغا كىردى.

601262
ئىراق ئارمىيەسى دائېشنىڭ چاڭگىلىدىكى مۇسۇلنىڭ شەرقىي كىرىش ئېغىزىغا كىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق ئارمىيەسى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ تىزگىنى ئاستىدىكى مۇسۇل شەھەر مەركىزىنىڭ شەرقىي كىرىش ئېغىزىغا جايلاشقان كوكجەلى مەھەللىسىگە كىردى.

ئىگىلىنىشچە، ئىراق ئارمىيەسىگە قاراشلىق كۈچلەر، مۇسۇل شەھەر مەركىزىگە بىر كىلومېتىر كېلىدىغان كوكجەلى مەھەللىسىگە ھەربىي ماشىنىلارغا كىرگەن.  

مەھەللە تامامەن قورشاۋ ئاستىغا ئېلىنىپ بولدى، رايوندا شىددەتلىك توقۇنۇشلار يۈز بەرمەكتە.

بۇ ئارىلىقتا، ئىراق باش مىنىستىرى ھايدار ئەل ئىبادى مۇسۇلدا ئالدىنقى سەپكە كەلدى.

مۇسۇل ھەربىي ھەرىكەت قوماندانلىقىنى نازارەت قىلغان ئىبادى قوماندانلىرىدىن ئۇرۇش توغرۇلۇق مەلۇمات ئالدى.

ئىراق باش مىنىستىرى ئىراقلىق قىسىملارنىڭ مۇسۇلدىكى دائېش تېررورچىلىرى قېچىپ كېتىش ئېھتىمالى بولغان بارلىق يوللارنى تاقىۋەتكەنلىكىنى ۋە ئەسكەرلەرنىڭ مۇسۇلغا كىرىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى: «يىلاننىڭ بېشىنى چەينەيمىز. ئۇلار كىرىدىغان تۆشۈكىمۇ يوق. يا ئۆلىدۇ ياكى تەسلىم بولىدۇ.»

ئىراق ئارمىيەسىنىڭ ئالاھىدە قىسىملىرى تۈنۈگۈن كەرامە مەھەللىسىگە كىرگەنىدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى باشچىلىقىدىكى خەلقئارا ئىتتىپاقداش قىسىملىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ كېلىۋاتقان ئىراق ئارمىيەسى، ئۆتكەن ھەپتە بارتەللا بىلەن دائېشقا قارشى باشقا ئىككى فىرونتتىن ھۇجۇم قوزغىغان ئىدى.

مۇسۇلنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشتىن تازىلىنىشى ئۈچۈن ئىراق ئارمىيەسى قىسىملىرى،  پەشمەرگە كۈچلىرى ۋە كۆپ قىسمى باشىكا لاگېرىدىكى تۈرك ئەسكەرلىرىدىن ھەربىي تەلىم ئالغان نىنوۋا مۇجاھىتلىرى 17-ئۆكتەبىردە ھەربىي ھەرىكەت قوزغىغانىدى.


خەتكۈچ: #مۇسۇل , #دائېش

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر