تالىبان ساقچى پونكىتىغا ھۇجۇم قىلدى
تالىباننىڭ ئافغانىستاننىڭ قەندىھار ۋىلايىتىنىڭ گۇراك ناھىيەسىدىكى بىر ساقچى پونكىتىغا ھۇجۇم قىلىشى نەتىجىسدە 8 ئەسكەر ئۆلدى.
601473
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قەندىھار ۋالىيلىق مەھكىمىسى باياناتچىسى سامىم خپەلۋاك، مەزكۇر ھۇجۇمدا يەنە 13 ئەسكەرنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، ھۇجۇمدىن كېيىن يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا كۆپ ساندا تالىبان ئەزاسىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.
نەق مەيداندىكى ئەھۋاللارنى كۆرگۈچىلەر، ھۇجۇمدا ساقچى پونكىتىدىكى 32 ئەسكەرنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى بىلدۈرسە، تالىبان تەرەپ، 55 ئەسكەرنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
مېكسىكادا بىر خۇسۇسىي تىك ئۇچار چۈشۈپ كېتىپ، 3 كىشى قازا قىلدى
مېكسىكادا بىر خۇسۇسىي تىك ئۇچار چۈشۈپ كېتىش سەۋەبىدىن ئۇچقۇچىنى قوشقاندا، جەمئىي 3 كىشى قازا قىلدى.