بىر ھىندىستانلىق ئالماس سودىگىرى خىزمەتچىلىرىنى 7مىليون 700مىڭ دوللار بىلەن مۇكاپاتلىدى
سىۋجى دولوكىيا ئىسىملىك بىر ھىندىستانلىق ئالماس سودىگىرى خىزمەتچىلىرىنى نۇرغۇن ئاپتوموبىل ۋە 400 بىنا ئۆي بىلەن مۇكاپاتلىدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندىستانلىق ئالماس سودىگىرى سىۋجى دولوكىيا ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنى 1260 ئاپتوموبىل ۋە 400 بىنا ئۆي بىلەن مۇكاپاتلىدى.
ھىندىستاننىڭ ئالماس شاھى ھېسابلىنىدىغان سىۋجى دولوكىيام بۇنىڭدىن باشقا، بەزى ئىشچى-خىزمەتچىلىرىگىمۇ ئۈنچە-مارجان تارقىتىپ بەردى.
خىزمەتتە يۇقىرى ئۈنۈم ياراتقان خىزمەتچى-خادىملارنى مۇكاپاتلىغان سىۋجى دولوكىيا، مۇكاپاتلايدىغان خادىملارنى 5600 خىزمەتچى ئارىسىدىن تاللاپ چىقتى.
مۇكاپاتلارنىڭ قىممىتىنىڭ 7مىليون 700مىڭ دوللار ئەتراپىدا ئىكەنلىكى تەخمىن قىلىنماقتا.
سىۋجى دولوكىيا 2 يىل ئىلگىرىمۇ 1200 خىزمەتچى-خادىمىنى 200 بىنا ئۆي، 400 ئاپتوموبىل ۋە قىممەت باھالىق 500 تال ئۈنچە-مەرۋايىت بىلەن مۇكاپاتلىغانىدى.
70دىن ئارتۇق دۆلەتكە ئالماس ئېكسپورت قىلىدىغان سىۋجى دولوكىيا، مۇكاپات تارقىتىپ بېرىش مۇراسىمىدا مۇنداق دېدى: «ھېچقانداق نەرسە خىزمەتچىلىرىمدىن قىممەتلىك ئەمەس. خىزمەتچىلىرىمنىڭ خوشال بولغانلىقىنى كۆرسەم مەندە پەيدا بولغان ھېسسىياتىنى تەسۋىرلەپ بېرىشكە ئاجىزلىق قىلىمەن، خىزمەتچىلەرنى خوشال قىلساق، تەڭرىمۇ بىزنىڭ خوشاللىقىمىزنى ئۇزۇن قىلىدۇ.»
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
فىلىپپىن بىخەتەرلىك قىسىملىرى دائېشقا زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ باردى
فىلىپپىن بىخەتەرلىك قىسىملىرى دائېش بىلەن چېتىشلىقى بار 12 تېررورچىنى ئۇجۇقتۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى.