يېڭى زېلاندىيەدە ئايروپىلان چۈشۈپ كەتتى
يېڭى زېلاندىيەدە تىك ئۇچار ئايروپىلان قازاسى يۈز بېرىپ، ئىككى ئادەم ئۆلدى.
600553
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يېڭى زېلاندىيە رادىيوسى، ئورمانچىلىق ساھەسىدىكى ۋەزىپىلىرىنى ئادا قىلىۋاتقان روبىنسون R44 تىپلىق تىك ئۇچار ئايروپىلاننىڭ ھازىرغىچە ئېنىقلىنالمىغان بىر سەۋەب يۈزىسىدىن نورتلاند رايونىدىكى دەرەخزارلىققا چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى، قازادا ئايروپىلاندىكى ئىككى ئادەمنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
ئىگىلىنىشىچە، نۆۋەتتە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ قازانىڭ يۈز بېرىش سەۋەبىنى ئېنىقلاش خىزمەتلىرى داۋام قىلماقتا ئىكەن.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىسرائىلىيە لىۋانغا ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى لىۋاننىڭ جەنۇبىغا كەڭ كۆلەملىك ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى.