ئىتالىيەدە ئېغىر يەر تەۋرەش ۋەقەسى يۈز بەردى

باش مىنىستىر ماتتېئو رەنزى يەر تەۋرەشتىن كېيىن خەلق مۇداپىئە خىزمەتلىرى ئورگىنىنىڭ باشلىقى فابرىزىئو سۇرسىئو بىلەن كۆرۈشتى.

599752
ئىتالىيەدە ئېغىر يەر تەۋرەش ۋەقەسى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىتالىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا 6.5 بال يەر تەۋرىدى؛ ئىتالىيە مەملىكەتلىك گېئوفىزىكا ۋە ۋولقانولوگىيە ئىنستىتۇتى، مەركىزىي نۇقتىسى نورسىيا شەھىرى بولغان يەر تەۋرەشنىڭ  شۇ جاي ۋاقتى سائەت  7 دىن 40 مىنۇت  (تۈركىيە ۋاقتى 9:30) ئۆتكەندە مەيدانغا كەلگەنلىكىنى، تەۋرەش چوڭقۇرلۇقىنىڭ 10 كىلومېتىر ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

يەر تەۋرەشتە ئادەم ئۆلۈش ئەھۋالى ياكى ئىقتىسادىي زىياننىڭ كۆرۈلۈپ كۆرۈلمىگەنلىكى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىلمىدى. پايتەخت رىم، فلورانسا دېگەندەك ناھايىتى كۆپ ساندىكى ئاھالىلەر رايونلىرىدىمۇ ھېس قىلىنغان يەر تەۋرەش ئەنسىزلىك ياراتتى. رىمدا نۇرغۇن ئادەم يەر تەۋرەشتىن كېيىن كوچىلارغا چىقىۋالدى. رايوندىكى قالدۇق تەۋرەشلەر داۋام قىلماقتا.

ئىتالىيە رائىنيۇز 24 قانىلىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، باش مىنىستىر ماتتېئو رەنزى يەر تەۋرەشتىن كېيىن خەلق مۇداپىئە خىزمەتلىرى ئورگىنىنىڭ باشلىقى فابرىزىئو سۇرسىئو بىلەن كۆرۈشتى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى گېئولوگىيەلىك تەتقىقاتلار مەركىزى، يەر تەۋرەش دەرىجىسىنىڭ 6.6 بال ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

مەزكۇر رايوندا 26- ئۆكتەبىردە ئايرىم – ئايرىم ھالدا  5.4 ۋە 5.9 بال يەر تەۋرىگەن بولۇپ، بىر ئادەم يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ قېلىپ ھاياتىدىن ئايرىلغانىدى.

يەنە مەزكۇر رايوندا، 24 – ئاۋغۇستتا مەيدانغا كەلگەن 6.2 بال يەر تەۋرەشتە 300 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر