ئىراق بىلەن تۈزۈلگەن ۋىزا كېلىشىمى بۈگۈندىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدۇ

2014-يىلى ئىراق بىلەن تۈزۈلگەن كېلىشىم بويىچە، ئىراق پۇقرالىرى ئۈچۈن نورمال پاسپورتتىن باشقا پاسپورتى بارلارغا ۋىزا رەسمىيىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى.

598703
ئىراق بىلەن تۈزۈلگەن ۋىزا كېلىشىمى بۈگۈندىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ باغدىدتىكى باش ئەلچىسى فارۇق قايماقچى 2014-يىلىدىن بۇيان ئىككى تەرەپ مۇزاكىرە قىلىۋاتقان رەسمىي پاسپورتلارغا ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش كېلىشىمىنىڭ 2016-يىلى 28-ئۆكتەبىر(بۈگۈن) دىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنى، كېلىشىم بويىچە دىپلوماتىيە، خىزمەت ۋە خۇسۇسىي پاسپورتى بار تۈركىيە پۇقرالىرى ئۈچۈن ئىراق ۋىزىسىنىڭ تەلەپ قىلىنمايدىغانلىقىنى؛ ئىراقنىڭ دىپلوماتىيە ۋە خىزمەت پاسپورتىغا تۈركىيە ۋىزىسىنىڭ تەلەپ قىلىنمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

باش ئەلچى قايماقچى ۋىزا كېلىشىمىنىڭ تۈركىيە پۇقرالىرى ئۈچۈن دىپلوماتىيە، خىزمەت ۋە نورمال خۇسۇسىي پاسپورتلار ئۈچۈن كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى؛ ئىراقنىڭ نورمال خۇسۇسىي پاسپورتلىرىغا ئېلېكتىرونلۇق ۋىزا، نورمال چاپلايدىغان ۋىزا ۋە C1 (داۋالىنىش، ساياھەت ۋە سودا) ۋىزا رەسمىيەتلىرىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى، تۈركىيەنىڭ ۋىزا بېرىش شەرتلىرى بويىچە ئىلتىماس سۇنغان ئىراق پۇقرالىرىغا، بىر كۈن ئىچىدە ۋىزا بېرىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ 2016-يىلىنىڭ بېشىدىن باشلاپ يېڭى ۋىزا بەلگىلىمىسى ۋە يارىتىلغان قولايلىقلارنىڭ سايىسىدە، تەلەپ بويىچە ئىلتىماس قىلغان ئىراق پۇقرالىرىنىڭ ناھايىتى ئاسان ۋىزا ئالغانلىقىنى؛ ئىراقتىن تۈركىيەگە ۋە باشقا ياۋروپا دۆلەتلىرىگە قانۇنسىز كۆچنىڭ كۆپ ئازايغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر