پاكىستان ھىندىستانلىق بىر دىپلوماتنى چېگرادىن قوغلاپ چىقاردى

پاكىستان دائىرلىرى ھىندىستاننىڭ ئىسلامئابادتا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىدىكى بىر دىپلوماتنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىشنى قارار قىلدى.

598787
پاكىستان ھىندىستانلىق بىر دىپلوماتنى چېگرادىن قوغلاپ چىقاردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان ھىندىستاننىڭ ئىسلامئابادتا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىدىكى بىر دىپلوماتنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ھىندىستاننىڭ ئىسلامئابادتا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان سۇرجىت سىڭ ئىسىملىك بىر دىپلوماتنىڭ «خالانمىغان ئادەم»ئېلان قىلىنغانلىقى ۋە پاكىستاندىن چىقىپ كېتىشى ئۈچۈن 48 سائەت مۆھلەت بېرىلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ھىندىستان بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىدا بۆلۈنۈپ كەتكەن كەشمىرنىڭ ۋەزىيىتى بارغانچە كەسكىنلىشىۋاتقان بىر پەيتتە، ھىندىستان دائىرلىرى پاكىستاننىڭ يېڭى دېھلىدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان بىر دىپلوماتنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىشنى قارار قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.

ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ۋىكاس سىۋارۇپ، بۇ پاكىستانلىق دىپلوماتنىڭ «جاسوسلۇق قىلمىشى»سادىر قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر