مەككە مۇكەررەمەگە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئېتىلدى

يەمەندىكى شىئە ھۇسىي قوراللىق ئۇنسۇرلىرى  بۇ قېتىم مەككىگە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتتى.

599184
مەككە مۇكەررەمەگە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئېتىلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەمەندىكى شىئە ھۇسىي قوراللىق ئۇنسۇرلىرى سەئۇدى ئەرەبىستاندىن ئىنتىقام ئېلىشقا قەسەم قىلىشقاندىن كېيىن، سەئۇدى ئەرەبىستانغا قاراتقان ھۇجۇملىرىنى يۇقىرى پەللىگە چىقاردى.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى سەئۇدى ئەرەبىستان زېمىنىغا بېسىپ كىرىشكىمۇ ئۇرۇنغان ھۇسىي قوراللىق ئۇنسۇرلىرىنىڭ بۇ قېتىم مەككىگە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتقانلىقى ئېلان قىلىندى.

ئىتتىپاقداش ئارمىيەنىڭ ئېلان قىلغان باياناتىدا بىلدۈرۈلىشىچە، يەمەندىن ئېتىلغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا، مەككىگە 65 كېلومېتىر قالغان جايدا، ئىتتىپاقداش ئارمىيە تەرىپىدىن ئېتىپ چۈشۈرۈۋېتىلدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر