باغدادنىڭ 5 نۇقتىسىدا يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇملىرىدا 8 كىشى قازا قىلدى

ئىراقىڭ پايتەختى  باغدادنىڭ 5 نۇقتىسىدا يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇملىرىدا 8 كىشى قازا قىلدى.

598603
باغدادنىڭ 5 نۇقتىسىدا يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇملىرىدا 8 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باغدادنىڭ تارىمىييە، مەدائىن، ئەسسۇلەيھ، ئەلئىبادى ۋە ئەلئەمىن رايونلىرىدا يۈز بەرگەن ھۇجۇملاردا 36 كىشى يارىلاندى.

ھۇجۇملارنىڭ جاۋابكارلىقىنى ھازىرغىچە ھېچكىم ئۆز ئۈستىگە ئالمىدى.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش باغدادنىڭ ھەممىلا يېرىدا  ھەر كۈنى دېگۈدەك ئاپتوموبىل بومبا ۋە ئادەم بومبا ھۇجۇملىرىنى ئېلىپ بارىدىكەن.

ئىراق دائىرىلىرى يېڭى يىل كىرىشتىن بۇرۇن دائېشنىڭ دۆلەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا مەغلۇب قىلىنىدىغانلىقىنى، بىراق 17 – ئۆكتەبىر كۈنى باشلانغان مۇسۇل ھەرىكىتى سەۋەبلىك تەشكىلاتنىڭ ھۇجۇملىرىنى كۆپەيتىش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقى توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرۇشلاردا بولماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر