ئىدلىبتىكى بىر مەكتەپ ئارقا - ئارقىدىن بومباردىمان قىلىندى

ب د ت بالىلار ياردەم فوندى بايانات بېرىپ، ئىدلىبتىكى بىر مەكتەپنىڭ ئارقا – ئارقىدىن ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈردى.

598280
ئىدلىبتىكى بىر مەكتەپ ئارقا - ئارقىدىن بومباردىمان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۇرىيەنىڭ ئىدلىب شەھىرىدىكى بىر مەكتەپ بومباردىمان قىلىندى؛ بومباردىماندا 22 ئوقۇغۇچى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

ب د ت  بالىلار ياردەم فوندى بايانات بېرىپ، ئىدلىبتىكى بىر مەكتەپنىڭ ئارقا – ئارقىدىن ھۇجۇمغا ئۇچرىشىشى نەتىجىسىدە 22 ئوقۇغۇچى بىلەن 6 ئوقۇتقۇچىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى بىلدۈردى. باياناتتا، ھۇجۇمنىڭ سۇرىيەدە 5 يىلدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ئىچكى ئۇرۇش جەريانىدا بىر مەكتەپكە قىلىنغان قانلىق ھۇجۇملارنىڭ بىرى ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.

خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ «بۇ ۋەھشىيلىككە قاچان <توختا> دەيدىغانلىقى» سورالغان باياناتتا، «بۇ بىر تىراگېدىيە. بۇ پەسكەش ھۇجۇم ئەگەر قەستەن قىلىنغان بولسا، بۇ بىر ئۇرۇش جىنايىتىدۇر» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

ھۇجۇمنى ئىدلىبكە ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىۋاتقان ئەسەد ھاكىمىيىتى كۈچلىرى ياكى رۇسىيەنىڭ قىلغان بولۇشى ئېھتىمالىنىڭ بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشى يىغىنىدا، مۇخبىرلارنىڭ بۇ دەۋالارغا دائىر سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن رۇسىيەنىڭ ب د ت  دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى ۋىتالىي چۇركىن، موسكۋانىڭ سۇرىيەدە مەكتەپ بومباردىمان قىلمىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «قورقۇنچلۇق بىر خەۋەر، بىز بىلەن ئالاقىسى بولماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن. مېنىڭ <ئۇنداق ئىش يوق> دېيىشىم ئاسان، لېكىن مەسئۇلىيەتچان بىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مۇداپىئە مىنىستىرلىقى نېمە دەيدۇ، قاراش كېرەك» دېگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر