ئامېرىكا YPG نى قورال بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى رەت قىلدى
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جون كېرباي، ۋاشىنگتوننىڭ، PKK نىڭ سۇرىيەدىكى قانىتى YPG گە ئوق – دورا، قورال ياكى باشقا نەرسە – كېرەك بەرمىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سوئاللارغا جاۋاب بەرگەن كېرباي، باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىمنىڭ <ئامېرىكىنىڭ YPG بەرگەن قوراللارنى PKK ئىشلەتمەكتە> دېگەن سۆزلىرى ئۈستىدە توختىلىپ، ئامېرىكىنىڭ سۇرىيەدىكى كورد گورۇپپىلارنى بىرلەشتۈرگەن YPG گە ئوق – دورا، قورال ياكى باشقا نەرسە – كېرەكلەرنى بەرمىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «بۇ مۇنبەردە تۇرۇپ بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ بىر قانچە قېتىم ئېيتتىم. بىز YPG گە ئوق – دورا، قورال ياكى باشقا نەرسە – كېرەكلەرنى بەرمەيمىز، PKK مۇ بىر تېررورچى گۇرۇپپىدۇر» دېدى.
كېرباي، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چاۋۇشئوغلۇنىڭ ئامېرىكىنىڭ YPG بىلەن ھەمكارلىق ئورناتقانلىقى ۋە <بىر تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ساھە ئېچىشقا تىرىشىۋاتامسىلەر، بىر تېررور دۆلىتى قۇرغۇزۇشقا ئۇرۇنۇۋاتامسىلەر؟ دېگەن سۆزلىرىگە دائىر بىر سوئالغا جاۋابەن، ئۇ سۆزلەرنى ئاڭلىمىغانلىقى ۋە ئوقۇمىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «بۇ سۆزلەرنى كۆرمەي تۇرۇپ باھا بەرمەيمەن. لېكىن، شۇ نۇقتا ئېنىق ۋە روشەنكى، دائېشقا قارشى بىرلەشمىنىڭ لىدىرى ئامېرىكا، بۇ تەشكىلاتنى يېڭىش ئۈچۈن ۋاقىت، ئېنېرگىيە، كۈچ ۋە ئىقتىدارىنى سەپەرۋەر قىلماقتا. بىزنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرىشىمىزنىڭ ئۇتۇققا ئېرىشكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئۇزۇن ئۆتمۈشىمىزمۇ بار» دېدى.
يەنە بىر تەرەپتىن ئىراقتا زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى باراك ئوبامانىڭ دائېشقا قارشى كۈرەش ئالاھىدە ۋەكىلى برېت ماكگۇرك، باغدادتا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، «PKK بىر تېررورلۇق تەشكىلاتى بولۇپ، تۈركىيە بىلەن ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمەتكە خەۋپ شەكىللەندۈرمەكتە» دېدى. ئۇ، بۇ مەسىلىنىڭ ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى بىلەن ئىراق مەركىزىي ھۆكۈمىتى ئارىسىدا ھەل قىلىنىشى كېرەكلىكىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.
مۇسۇلنى دائېشتىن قۇتۇلدۇرۇش ھەرىكىتى توغرىسىدىمۇ توختالغان برېت ماكگۇرك، ھەرىكەتنىڭ پىلانلانغىنى بويىچە داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىنغانلىقىنى، ئەمما بۇ ئۇرۇشنىڭ قىيىن بولىدىغانلىقى شۇنداقلا ۋاقىت ئالىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
ماكگۇرك، «دائېش، كىچىك گۇرۇپپىلار ھالىتىدە كەركۈك ۋە رۇتبەدىكىگە ئوخشاش ئوخشاش بولمىغان جايلاردا تېررورلۇق ۋەقەلىرىنى سادىر قىلماقتا. بۇ خىلدىكى ھەرىكەتلەر كۆپىدۇ، دەپ قارايمىز» دېدى.
ماكگۇرك، دائېشتىن كېيىن ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ ئىراقتا تۇرۇپ – تۇرمايدىغانلىقى مەسىلىسىگە ئىراقنىڭ قارار قىلىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئامېرىكا بىلەن ئىراق ئارىسىدىكى دىيالوگقا باغلىق ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.
مۇسۇلنى دائېشتىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئىراق ئارمىيەسى، پەشمەرگە كۈچلىرى ۋە كۆپ سانلىقى باشىكادىكى تۈركىيە ئەسكەرلىرى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن نىنوۋا مۇجاھىدلىرى 17 – ئۆكتەبىردە ھەربىي ھەرىكەت باشلىغانىدى.