غەززەدە بېلىق تۇتۇش مۇساپىسى 6 دېڭىز مىلىدىن 9 دېڭىز مىلىغا چىقىرىلىدىغان بولدى

غەززەدە بېلىق تۇتۇش بەلگىلىمىسىنىڭ 31 – ئۆكتەبىر ئەتىگەندىن باشلاپ رەسمىي ئىجرا قىلىنىشقا باشلىنىدىغانلىقى ۋە بىر ئاي داۋاملىشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

597271
غەززەدە بېلىق تۇتۇش مۇساپىسى 6 دېڭىز مىلىدىن 9 دېڭىز مىلىغا چىقىرىلىدىغان بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە غاززەدە بېلىق تۇتۇش مۇساپىسىنى 6 دېڭىز مىلىدىن 9 دېڭىز مىلىغا چىقىرىشنى تەستىقلىدى.

پەلەستىن خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئاخبارات مەركىزىنىڭ دىرېكتورى مۇھەممەد ئەل مۇقەددەم غەززەدىكى بېلىق تۇتۇش مۇساپىسىنى 6 دېڭىز مىلىدىن 9 دېڭىز مىلىغا چىقىرىش ئۈچۈن، ئىسرائىلىيە دائىرلىرىدىن تەستىق ئالغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ بەلگىلىمىنىڭ 31 – ئۆكتەبىر ئەتىگەندىن باشلاپ رەسمىي ئىجرا قىلىنىشقا باشلىنىدىغانلىقىنى ۋە بىر ئاي داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

مۇھەممەد ئەل مۇقەددەم بۇ تەستىقنىڭ مىنىستىرلىق تەرىپىدىن ھەر دائىم سۇنۇلۇۋاتقان تەلەپلەر نەتىجىسىدە قولغا كەلگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، غەززەدىكى پەلەستىنلىك بېلىقچىلار ئۇيۇشمىسى باشلىقى نىزار ئاياش، غەززەدە بېلىق تۇتۇش مۇساپىسىنىڭ كېڭەيتىلگەنلىكىگە دائىر ئۆزلىرىگە ھېچقانداق ئۇقتۇرۇش كەلمىگەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئىسرائىلىيە دۆلەت رادىيوسىنىڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى خەۋەرلىرىدە، ئىسرائىلىيەنىڭ غاززەدە بېلىق تۇتۇش مۇساپىسىنى 6 دېڭىز مىلىدىن 9 دېڭىز مىلىغا چىقارغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر