ئابباس تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى بىلەن كۆرۈشتى

پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباس تۈركىيەدىكى ئۇچرىشىشلىرى دائىرىسىدە تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى ئىسمائىل قاھرىمان بىلەن كۆرۈشتى.

596019
ئابباس تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدە ئىشقا ئاشۇرۇلغان ئۇچرىشىشتا، ئابباس پەلەستىننىڭ تۈركىيە دۆلىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تارىخى ناھايتى ئۇزۇن ھەم جۇغراپىيە خاراكتېرلىك ئىكەنلىكىنى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئۆتمۈشتىكىگە ئوخشاشلا كەلگۈسىدىمۇ ئىزچىل داېاملىشىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ تۈركىيە دۆلىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىمىز بولۇپمۇ دىنىي جەھەتتىن ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە. جۈملىدىن بۇ دىنىي ئالاھىدىلىكنىڭ پەردە ئارقىسىدا بىزنىڭ تارىخىي، جۇغراپىيەلىك ۋە يۈزلەرچە يىللارغا سوزۇلىدىغان مۇناسىۋەتلىرىمىز، ئارزۇ – ئارمانلىرىمىز ۋە ئۈمىدلىرىمىزنىڭ ئىزلىرى يوشۇرۇنغان. تۈركىيە پەلەستىنگە ياردەم بېرىشتە ناھايتى سەمىمىي بولۇپ، بىز بۇنى ئەسلا ئۇنتۇمايمىز. تۈركىيەنىڭ بۇ ياردىمى پەلەستىننىڭ كېلەچىكىنى يورۇتۇپ بېرىدۇ. دەرۋەقە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى ھەر جەھەتتىن كۈچلۈك ھالەتتە داۋاملاشماقتا. كەلگۈسىدىمۇ شۇنداق بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.»

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى ئىسمائىل قاھرىمان پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباسنى كۆرگەنلىكلىرى ئۈچۈن ئۆزلىرىنى تولىمۇ بەختلىك ھېس قىلىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

ئابباس كېيىنچە ئىسمائىل قاھرىمان بىلەن بىرلىكتە مەجلىسنىڭ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرىنىڭ 15 – ئىيۇل ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشى جەريانىدا بومباردىمان قىلىنغان جايلىرىنى كۆزدىن كەچۈردى ھەمدە پارلامېنتنىڭ بومبىلانغان مېھمان كۈتۈش بۆلۈمىدىن قورۇسىغا ئۆتۈپ، گۈلچەمبىرەك قويدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر