ۋېيېتنام ساقچىلىرى قېچىپ كەتكەن زەھەرلىك چېكىملىككە خۇمار بولۇپ قالغۇچىلارنى ئىزدىمەكتە

ۋىيېتنامنىڭ جەنۇبىدىكى بىر سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەركىزىدىن قېچىپ كەتكەن 230 نەپەر زەھەرلىك چېكىملىككە خۇمار بولۇپ قالغۇچىنى ئىزدەش خىزمىتى داۋام قىلماقتا.

595956
ۋېيېتنام ساقچىلىرى قېچىپ كەتكەن زەھەرلىك چېكىملىككە خۇمار بولۇپ قالغۇچىلارنى ئىزدىمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دوڭ ناي ئۆلكىلىك ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي ئىشلار تارمىقىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى خو ۋان لوك تۈنۈگۈن (يەكشەنبە) كېچە، دوڭ نايدا زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەر تۇرىدىغان سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەركىزىدىن 562 كىشىنىڭ قېچىپ كەتكەنلىكىنى، قاچقانلارنىڭ 332 سىنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكىنى، قالغان 230 كىشىنىڭ ئىزدەش خىزمىتىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئىگىلىنىشىچە، مەزكۇر سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەركىزى 1481 كىشىگە مۇلازىمەت قىلماقتا ئىكەن.

ۋىيېتنامدا 200 مىڭ ئەتراپىدا زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىسىنىڭ بارلىقى تەخمىن قىلىنماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر