مالتادا ئايروپىلان چۈشۈپ كەتتى

مالتادا كىچىك تىپلىق بىر ئايروپىلان قوزغىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا چۈشۈپ كەتتى، قازا توغرىسىدا ياۋروپا ئىتتىپاقى بايانات بەردى.

595896
مالتادا ئايروپىلان چۈشۈپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مالتادا بىر ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىپ، 5 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى؛ ئايروپىلاننىڭ چۈشۈپ كېتىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەسلەپكى خەۋەرلەردە، مالتادىن لىۋىيەنىڭ مىسراتە شەھىرىگە قاراپ يولغا چىقىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا چۈشۈپ كەتكەن 10 كىشىلىك مەزكۇر ئايروپىلاندا ياۋروپا ئىتتىپاقى فرونتېكس خىزمەتچىلىرىنىڭ بارلىقىنى، ئايروپىلاننىڭ فرونتېكس خىزمەتچىلىرى ئۈچۈن لىيۇكسېمبېرگدىن ئىجارىگە ئېلىنغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. ۋەقەدە  5 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى، قالغان كىشىلەرنى ئىزدەش - قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى ئۇقتۇرۇلغانىدى.

بۇ خەۋەرلەر خەلقئارا خەۋەر ئاگېنتلىقلىرىدا ئورۇن ئالغاندىن كېيىن ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى ئالىي ۋەكىلى فېدېرىكا موگېرىنى بايانات بېرىپ، مالتادا چۈشۈپ كەتكەن ئايروپىلاندا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەمەلدارلىرى ئەمەسلىكىنى ئۇقتۇردى.

موگېرىنى تىۋىتتېر ئارقىلىق ئۇچۇر تارقىتىپ، «مالتادا قازاغا ئۇچرىغان ئايروپىلاندا ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەمەلدارلىرى يوق ئىدى. ئۇچۇشنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى پائالىيەتلىرى بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوقتۇر» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر