پاكىستان ھىندىستاننىڭ تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى ۋە كىنىولىرىنى چەكلەش قارارى ئالدى

پاكىستان ھىندىستاندا ئىشلەنگەن تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى، كىنولار ۋە ئۆسمۈرلەر پىروگراممىلىرىنى چەكلەش قارارى ئالدى.

593544
پاكىستان ھىندىستاننىڭ تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى ۋە كىنىولىرىنى چەكلەش قارارى ئالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان ئېلېكترونلۇق تاراتقۇلارنى باشقۇرۇش ئورگىنىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەتىدىن باشلاپ، ھىندىستاندا ئىشلەنگەن تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى، كىنولار ۋە ئۆسمۈرلەر پىروگراممىلىرى چەكلىنىدىكەن.

قارارغا ئاساسەن ھىندىستاندا ئىشلەنگەن تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى، كىنولار ۋە ئۆسمۈرلەر پىروگراممىلىرىنى تارقاتقان قاناللارنىڭ تاقىلىش خەۋپى بار ئىكەن.

ھىندىستان بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىدىكى كەشمىر مەسىلىسى بارغانسېرى كەسكىنلىشىپ، كىنو – تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى ساھەسىگىمۇ تەسىر كۆرسەتكەنىدى.

پايتەخت ئىسلامئاباد بىلەن دۆلەتنىڭ ئەڭ چوڭ شەھەرلىرىدىن لاھور ۋە كاراچى ھەرقايسى كىنوخانىلاردا ھىندىستاندا ئىشلەنگەن فىلىملەرنى قويۇشنى چەكلەش قارارى ئالغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر