كېرى: جەنۋە يىغىنىدىن ئۈمىد يوق

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى  جون كېرى سۈرىيەدىكى مۆتىدىل ئۆكتىچىلەرنى تېررورىست گۇرۇپپىلاردىن ئايرىلىش مەقسىتىدە شىۋېتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە چاقىرىلىدىغان يىغىندىن ئۈمىد يوقلۇقىنى ئېيتتى.

593384
كېرى: جەنۋە يىغىنىدىن ئۈمىد يوق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كېرى ۋاشىنگتوندا جەنۇبىي كورېيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى يۇن بيۇڭسې بىلەن بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، سۈرىيەدە داۋاملىشىۋاتقان ئىچكى ئۇرۇش ھەققىدە توختالدى.

سۈرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇشنى توختىتىش ئۈچۈن رۇسىيەنى جىددىي قەدەملەرنى تاشلاشقا چاقىرغان كېرى، «بۇ مەسىلىنىڭ ھەل بولىدىغانلىقىدىن ئانچە ئۈمىدىم يوق. چۈنكى بۇ مەسىلە كاپالەت ئاستىدا ئەمەس» دېدى.

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرى سېرگېي شويگۇ شىۋېتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە بەزى دۆلەتلەرنىڭ ھەربىي ئەمەلدارلىرىنىڭ ئىشتىراك قىلىشىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى، بۇ يەردىكى پائالىيەتنىڭ ھەممىدىن بەكرەك ھەلەبتىكى ئۆكتىچى كۈچلەرنى تېررورىست گۇرۇپپىلاردىن ئايرىشنى نىشان قىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر