ب د ت ئالاھىدە ۋەكىلى ئەسەد قىسىملىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى

ئەسەد قىسىملىرى «ھەلەبتە قورشاۋ ئاستىدىكى پۇقرالار شەھەرنى تاشلاپ چېقىپ كەتمەكتە» دېگەندەك تەتۇر تەشۋىقاتلارنى تارقاتتى.

593752
ب د ت ئالاھىدە ۋەكىلى ئەسەد قىسىملىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى سىتىففان دە مىستۇرا سۈرىيەنىڭ ھەلەب شەھىرىنىڭ شەرقىدە ئەسەد قىسىملىرىنىڭ «قورشاۋ ئاشتىدىكى پۇقرالار شەھەرنى تاشلاپ چېقىپ كەتمەكتە» دېگەندەك تەتۇر تەشۋىقات تارقاتقانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

سىتىففان دە مىستۇرا «ھەلەب خەلقى ھەرگىزمۇ شەھەرنى تاشلاپ چىقىپ كېتىشنى خالىمايدۇ. پاناھلانغۇچى بولۇپ قېلىشتەك ئەھۋالغا قىلىشنى خالىمايدۇ. پەقەت ئەسەد قىسىملىرىنىڭ پۇقرالارنى بومباردىمان قىلىشنى توختىتىشنىلا خالايدۇ» دېدى.

سۈرىيەگە ياردەم قىلىش خەلقئارا گۇرۇپپىسىنىڭ ئىنسانپەرۋەلىك ياردەملەرنى يەتكۈزۈش ئەترىتى كېڭىشى شىۋېتسارىيەنىڭ جەنەۋرە شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى.

يېغىندىن كېيىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جەنۋەدىكى ئىشخانىسىدا ئاخبارات ئېلان قىلغان مىستۇرا، رۇسىيەنىڭ ھەلەبتە 11 سائەتلىك بىر يۆنىلىشلىك ئۇرۇش توختىتىشنى باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقىغا ئىجابىي باھا بەرگەنلىكىنى ۋە مەزكۇر ئۇرۇش توختىتىش قارارىنى ياخشى قارار سۈپىتىدە ئالاھىدە ئېتىبارغا ئالغانلىقىنى ئېيتتى. 

مىستۇرا رۇسىيەنىڭ پىلانىنىڭ ھەلەبتە پەقەتلا پۇقرالارنىڭ جىددىي تىببىي ياردەم ئۈچۈن بالدۇرراق چېقىپ كېتەلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر