ھەلەب شەھىرىگە بېلگىيە ئايروپىلانلىرىمۇ ھۇجۇم قىلدى
ھاۋانى كۆزىتىش سىستېمىلىرى رايوندا بېلگىيە ھاۋا ئارمىيەسىگە تەۋە 2 دانە «F-16» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانىنى بايقىدى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى ھەلەب شەھىرى بۇ قېتىم بېلگىيەنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى.
بېلگىيە ھاۋا ئارمىيەسىگە تەۋە «F-16» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ ھۇجۇمىدا دەسلەپكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا 6 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.
رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئافرىندىكى يەرلىك كومىتېت تەرىپىدىن رۇسىيەنىڭ سۈرىيەدە تۇرۇشلۇق ئۇرۇش توختىتىشنى كۆزىتىش مەركىزىگە يوللانغان مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ھاسسادجەك يېزىسىغا قىلىنغان ھۇجۇمدا 4 كىشىنىڭ يارىدار بولغانلىقى قەيت قىلىندى.
باياناتتا يەنە، ھۇجۇم يۈز بەرگەن رايوندا رۇسىيە ئايروپىلانلىرىنىڭ ھېچقانداق ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بارمىغانلىقى تەكىتلىنىپ، «ھاۋانى كۆزىتىش سىستېمىلىرى رايوندا بېلگىيە ھاۋا ئارمىيەسىگە تەۋە 2 دانە «F-16» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانىنى بايقىدى» دېيىلدى.