ئالما شىركىتىنىڭ قارارى تېخنولوگىيە دۇنياسىنى تاڭ قالدۇردى

ئالما شىركىتىنىڭ توكلۇق ئاپتوموبىل لايىھەسىنى توختىتىپ قويۇشى تېخنولوگىيە دۇنياسىنى تاڭ قالدۇردى.

591634
ئالما شىركىتىنىڭ  قارارى تېخنولوگىيە دۇنياسىنى تاڭ قالدۇردى

تېخنولوگىيە ساھەسىدىكى نوپۇزلۇق شىركەتلەردىن بولغان ئالما شىركىتى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۈستىدە باش قاتتۇرۇپ كېلىۋاتقان توكلۇق ئاپتوموبىل لايىھەسى «ئالما ماشىنىسى» (Apple Car)  نى توختىتىپ قويغانلىقلىرىنى جاكارلىدى.

ھەتتا شوپۇرسىز ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن دۇنيادىكى نوپۇزلۇق ئاپتوموبىل شىركەتلىرى بىلەن مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتقان ئالما شىركىتى «لايىھە تىتان» ناملىق شوپۇرسىز ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش چۈشەنچىسىدىنمۇ ۋاز كەچتى.

ئالما شىركىتىنىڭ توكلۇق ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن يىللاردىن بۇيان خىزمەت ئىشلەپ كېلىۋاتقانلىقى مىڭلارچە قېتىم تاراتقۇلاردا خەۋەر قىلىنغاندىن تاشقىرى، 2021-يىلى بۇ خىلدىكى ئاپتوموبىل بازارغا سېلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەنىدى.

ئىگىلىنىشچە، ئالما شىركىتى «لايىھە تىتان» لايىھەسىنى قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرۈپ باشقىچە شەكىلدە ئىشلەپچىقىرىشنى قارار قىلغان.


خەتكۈچ: #ئالما , #APPLE

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر