پېگىداچىلار گېرمانىيەدە مۇسۇلمانلار ۋە كۆچمەنلەرگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى

گېرمانىيەدە ئىسلام ۋە كۆچمەنلەرگە قارشى پېگىدا ھەرىكىتى (غەربنىڭ ئىسلاملىشىشىغا قارشى ۋەتەنپەرۋەر ياۋروپالىقلار)، قۇرۇلغانلىقىنىڭ ئىككىنچى يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن درېسدېن شەھىرىدە نامايىش ئۆتكۈزدى.

591170
پېگىداچىلار گېرمانىيەدە مۇسۇلمانلار ۋە كۆچمەنلەرگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 9 مىڭ ئەتراپىدا ئادەم ئىشتىراك قىلغان نامايىشتا، «مېركېل كېتىشى كېرەك» ۋە «ۋەتەن خائىنلىرى» دەپ شوئارلار توۋلاندى. نامايىشچىلار، گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل ۋە گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مۇساپىرلار سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

شەھەردە ئوخشاش ۋاقىتتا ئۆتكۈزۈلگەن پېگىداغا قارشى نامايىشلارغىمۇ نۇرغۇن كىشىنىڭ ئىشتىراك قىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى كۈچەيتىلگەن مەزكۇر نامايىشلار جەريانىدا 1700 ساقچى ۋەزىپە ئۆتىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر