مۇسۇلدىن دائېشنى قوغلاپ چىقىرىش ئۈچۈن ھەربىي ھەرىكەت قوزغالدى

دائېشنىڭ تىزگىنى ئاستىدا تۇرۇۋاتقان مۇسۇلنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن كەڭ كۆلەملىك ھەربىي ھەرىكەت قوزغالدى.

590795
مۇسۇلدىن دائېشنى قوغلاپ چىقىرىش ئۈچۈن ھەربىي ھەرىكەت قوزغالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىككى يىلدىن بۇيان تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ چاڭگىلىدا تۇرۇۋاتقان ئىراق بويىچە ئىككىنچى چوڭ شەھەر ھېسابلىنىدىغان مۇسۇلنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن كەڭ كۆلەملىك ھەربىي ھەرىكەت قوزغالدى.

ئىراق باش مىنىستىرى ھايدار ئەل ئەل-ئىبادى ھەربىي ھەرىكەتنىڭ باشلانغانلىقىنى ئىراق دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە قانىلىدىن ئۇقتۇردى.

ئىبادى ھەربىي ھەرىكەت جەريانىدا مۇسۇل خەلقىنى خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنى يېقىندىن قوللاشقا چاقىردى. ئىراق ئارمىيەسى بىلەن 15-18 مىڭ ئەتراپىدا بولغان پەشمەرگە كۈچلىرى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا ئۈچ تەرەپتىن ھۇجۇم قىلدى.سابىق مۇسۇل ۋالىيسى نونوۋا مۇھاپىزەتچىلىرى قوماندانى ئەسىل نۇجەيفى بۇ قېتىمقى ھەرىبي ھەرىكەتكە باشىكا ھەربىي بازىسىدىكى تۈرك ئەسكەرلىرىنىڭمۇ قېتىلغانلىقىنى ئېيتتى.

ئامېرىكا ئارمىيەسىمۇ مۇسۇلنى قاتتىق بومباردىمان قىلماقتا، خەلقئارا ئىتتىپاقداش كۈچلەرمۇ قوشۇلغان بۇ قېتىمقى ھەربىي ھەرىكەتتە، تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش مىلىتانلىرىنىڭ مۇسۇلدىكى ھەرىكەتلىرىنى كۆزىتىش ئۈچۈن يوللار تىكئۇچارلارنىڭ چىراقلىرى بىلەن يورىتىپ بېرىلمەكتە.

ئەربىل-مۇسۇل يولىدىكى پەشمەرگە كۈچلىرى دائېشنىڭ تىزگىنى ئاستىدىكى يېزىلارغا قاراپ ئىلگىرىلمەكتە. دائېشنىڭمۇ پەشمەرگە كۈچلىرىنىڭ ھۇجۇملىرىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ھۇجۇمغا ئۆتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ھەربىي ھەرىكەت دائىرىسىدە تۇنجى بولۇپ خىرىستىيان نوپۇسى زىچ ئولتۇراقلاشقان ھامدانىيە ناھىيەسىنىڭ قۇتقۇزۇلىدىغانلىقى قەيت قىلىندى. ئىراقتىكى خەلقئارا ئىتتىپاقداش قىسىملارنىڭ ئامېرىكا ۋەكىلى بىرېت مېكگۆركمۇ ھەربىي ھەرىكەتنىڭ باشلىشى بىلەن ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن Twitter ئارقىلىق مۇنداق ئۇچۇر تارقاتتى: «بۇ مۇھىم ھەربىي ھەرىكەتتە سىلەر بىلەن بىرگە ھەرىكەت قىلغانلىقىمىزدىن پەخىرلىنىمىز.»

ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى پېنتاگون مۇسۇل ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ دائېشقا قارشى كۈرەشتە ھالقىلىق رول ئوينايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ مۇسۇل ھەربىي ھەرىكىتى قوزغىلىشتىن ئىلگىرى بەرگەن باياناتىدا، تۈركىيەنىڭ مۇسۇل ھەربىي ھەرىكىتىگە تۇتقان پوزىتسىيەسى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېگەنىدى: «مۇسۇل ھەربىي ھەرىكىتى شىئە مىلىتانلىرى بىلەن ئەمەس ئىراق ئارمىيەسى ۋە يەرلىك كۈچلەر بىلەن ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك.»

رايوندىكى ھەر قانداق ئۆزگىرىشنىڭ تۈركىيەنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەسىرى بولىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتكەن چاۋۇشئوغلۇ، تۈركىيەنىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ ئېلىپ كېلىدىغان ھەر قانداق ئۆزگىرىشكە قارىتا خەلقئارا قانۇندىكى ھەق-ھوقۇقلىرىدىن پايدىلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

چاۋۇشئوغلۇ رايون ئەمەلدارلىرىنىڭ ھەم ئىراق ھەم سۈرىيەدىكى ۋەقەلەرگە مەزھەپچى نۇقتىئىنەزەر بىلەن نەزەر سېلىشلىرىغا قارشى ئىكەنلىكلىرىنىمۇ بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر