ئامېرىكا مۇسۇلدىكى دائېش نىشانلىرىنى توپقا تۇتتى... دائېش نېفىت قۇدۇقلىرىغا ئوت قويۇۋەتتى

ئامېرىكا ۋە فىرانسىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى، مۇسۇلنى دائېشتىن خالىيلاشتۇرۇش ھەرىكىتى دائىرىسىدىكى دەسلەپكى قەدەملىرىنى تاشلىدى.

590423
ئامېرىكا مۇسۇلدىكى دائېش نىشانلىرىنى توپقا تۇتتى... دائېش نېفىت قۇدۇقلىرىغا ئوت قويۇۋەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراقنىڭ ئىككىنچى چوڭ شەھىرى مۇسۇلنى دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىدىن خالىيلاشتۇرۇش ھەرىكىتى دائىرىسىدە تاشلانغان ئەڭ يېڭى قەدەم، رايوندىكى ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ تەشكىلاتقا تەۋە نىشانلارنى توپقا تۇتۇشى بولدى.

شەھەردىكى دائېش مەنسۇپلىرىنىڭ بولسا، نېفىت قۇدۇقلىرىغا ئوت قويۇپ بەرگەنلىكى ئەسكەرتىلمەكتە.

ئامېرىكا بىلەن فىرانسىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىمۇ مۇسۇلنىڭ شەرقىدىكى دائېش نىشانلىرىنى بومباردىمان قىلماقتا.

بۇ جەرياندا، ئىراق باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسى مەنبەلىرى، «مەزھەپ توقۇنۇشى» توغرىسىدىكى ئاگاھلاندۇرۇشلارغا ئەستايىدىل قارالغانلىقى ئۈچۈن، ھەربىي ھەرىكەتكە شىئە كۈچلىرىنىڭ قاتناشمىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

تۈركىيە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دائىرىلىرىنى <مۇسۇل ھەرىكىتىگە شىئە كۈچلەرنىڭ ئىشتىراك قىلىشىنىڭ يۈز يىللىق مەزھەپ ئۇرۇشىنىڭ پىلتىسىگە ئوت يېقىش ئېھتىماللىقى بارلىقى> نى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇرغانىدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، تۈركىيە ھەربىي مەنبەلىرى، نۆۋەتتە قىلىنىۋاتقان ئىشنىڭ چەمبەرنى تارايتىش ۋە ئەسكەر توپلاش خىزمىتى ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلغان ھالدا، بۇنىڭ ھەربىي ھەرىكەتتىن ئىلگىرىكى ئاخىرقى باسقۇچ ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر