خىتاي رۇسىيەگە <ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق شېرىكچىلىكى كېلىشىمى> توغرىسىدا چاقىرىق قىلدى
خىتاي رۇسىيەگە «خىتاي – رۇسىيە كەڭ دائىرىلىك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق شېرىكچىلىكى» كېلىشىمىنىڭ ئىجرا قىلىنىشى بويىچە چاقىرىق قىلدى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ھىندىستاننىڭ گۇا شەھىرىدە چاقىرىلغان 8 –نۆۋەتلىك ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرى (بىرازىلىيە، رۇسىيە، ھىندىستان، خىتاي ۋە جەنۇبىي ئافرىقا) يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىش جەريانىدا رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن ئايرىم ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى.
خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان ئەللەرنىڭ مەنپەئەتلىرىنى قوغداش ئۈچۈن، تېخىمۇ مۇۋاپىق خەلقئارا تۈزۈم ئورنىتىشنى تەشۋىق قىلىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتكەن شى جىنپىڭ، خىتاي – رۇسىيە كەڭ دائىرىلىك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق شېرىكچىلىكى كېلىشىمىنىڭ قەتئىي ئىرادە بىلەن ئىجرا قىلىنىشى توغرىسىدا پۇتىنغا چاقىرىق قىلدى.
ئىككى رەھبەر رايون ۋە خەلقئارادىكى مەنپەئەتلەر بويىچە پىكىر ئالماشتۇرۇپ، شەرقىي شىمالىي ئاسىيادىكى تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى ئىزچىللىققا ئىگە قىلىش بويىچە يېقىن ھەمكارلىق ۋە كوردىناتسىيەنى داۋاملاشتۇرۇش ھەققىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلدى.
خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىن دائىرىسىدە ھىندىستان باش مىنىستىرى نارېندرا مودى ۋە جەنۇبىي ئافرىقا پىرېزىدېنتى جاكوب زۇما بىلەنمۇ كۆرۈشتى.
بۇ جەرياندا، خىتاينىڭ ئالدىمىزدىكى يىلى چاقىرىلىدىغان ئالتۇن كېسەك ئەللىرىنىڭ 9 – نۆۋەتلىك يىغىنىغا ساھىبخانلىق قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.