كىلىمات يىغىنىغا ئىشتىراك قىلغان 200 دۆلەت ئۈچ خىل ئىپادە بىلدۈردى

رىۋاندادا چاقىرىلغان كىلىمات ئۆزگىرىشى يىغىنىدا تۇنجى قېتىم ھىدروفلوروكاربون گازىنىڭ خەتىرى توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلىندى.

590482
كىلىمات يىغىنىغا ئىشتىراك قىلغان 200 دۆلەت ئۈچ خىل ئىپادە بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رىۋاندادا چاقىرىلغان كىلىمات ئۆزگىرىشى يىغىنىدا تۇنجى قېتىم پارنىك تەسىرى پەيدا قىلىشتا ھىدروفلوروكاربون گازىنىڭ كاربون تۆت ئۆكسىد گازىدىنمۇ زەھەرلىك ئىكەنلىكى بويىچە بىردەكلىك ھاسىل قىلىندى.

لېكىن، نۆۋەت مەزكۇر گازغا چەكلىمە قويۇش مەسىلىسىگە كەلگەندە يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان 200 دۆلەت ئۈچكە ئايرىلدى؛ خىتاي ۋە دۇنيانى ئەڭ كۆپ بۇلغاۋاتقان 100 دىن ئارتۇق دۆلەت ھىدروفلوروكاربون گازىنى ئىشلىتىشنى 2024 – يىلىدىن باشلاپ توختىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

دۇنيانىڭ مۇھىتنى ئەڭ كۆپ بۇلغاۋاتقان ئىككىنچى دۆلىتى بولغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى بولسا، مەزكۇر گازنى قويۇپ بېرىش نىسبىتىنى 2019 – يىلىدىن باشلاپ كەم دېگەندىمۇ %10 قىسقارتىدىغانلىقىنى؛ ھىندىستان، پاكىستان ۋە پارس قولتۇقى ئەللىرى بولسا، 2028 – يىلىغىچە ھىدروفلوروكاربون ئىشلىتىشكە چەكلىمە قويمايدىغانلىقلىرىنى ئۇقتۇردى.

ئىگىلىنىشىچە، مۇھىتنى ئەڭ تېز بۇلغايدۇ، دەپ قارىلىۋاتقان ھىدروفلوروكاربون گازى، ئاساسلىقى توڭلاتقۇ، ھاۋالاندۇرغۇچ قاتارلىقلاردا ئىشلىتىلمەكتە ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر