ئىراق باش مىنىستىرىنىڭ يالغان – ياۋىداقلىرى

تۈركىيەگە قارىتا يالغان – ياۋىداق گەپلەرنى قىلىۋاتقان ئىراق باش مىنىستىرى ئىبادى ئۆز ۋاقتىدا تۈركىيەدىن ياردەم تەلەپ قىلغانىدى.

589010
ئىراق باش مىنىستىرىنىڭ يالغان – ياۋىداقلىرى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىبادى 2014 – يىلى 25 – دېكابىر كۈنى شۇ ۋاقىتتىكى باش مىنىستىر داۋۇتئوغلۇغا مۇسۇل ئەتراپىدىكى بەشىكا لاگېرىدا دائېشقا قارشى كۈرەش قىلىدىغان ئىراق ئەسكەرلىرىنى تەربىيەلەپ بېرىش ئۈچۈن تۈرك ھەربىيلەرنى ئىراققا ئەۋەتىشىنى تەلەپ قىلغانىدى.

ئىبادىنىڭ ئۆز ۋاقتىدا  باش مىنىستىر داۋۇتئوغلۇ بىلەن بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا قىلغان سۆزلىرى تۆۋەندىكىچە:

«تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش پەقەت ئىراق بىلەن تۈركىيەنىڭ بىخەتەرلىكىگىلا ئەمەس، پۈتكۈل ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ بىخەتەرلىكىگىمۇ تەھدىت سالماقتا. شۇڭا بۇ مەسىلىدە ھەمكارلىق ئورنىتىشىمىز لازىم. جۈملىدىن بۇ ھەقتە تۈركىيەنىڭ ياردىمىنى كۈتۈۋاتىمىز. باش مىنىستىر داۋۇتئوغلۇمۇ ئاخبارات، تەلىم – تەربىيە ۋە قورال - ياراغ مەسىلىسىدە ياردەم بېرىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى. بۇ مەسىلىلەر توغرۇلۇق تۈركىيەگە بىر تىزىملىك سۇندۇق. تۈركىيەدىكى قېرىنداشلىرىمىز ياردەم بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. كۈچلىرىمىزنى سەپەرۋەر قىلىپ، بارلىق قوشنا دۆلەتلەرنىڭمۇ ياردىمى بىلەن بۇ تەشكىلاتنى چوقۇم بىر تەرەپ قىلىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر