خىتاي باڭلادېش بىلەن ئىستىراتېگىيەلىك شېرىك بولۇش كېلىشىمى ئىمزالىدى

خىتاي باڭلادېش بىلەن «بىر يول، بىر بەلۋاغ قۇرۇلىشى» لايىھەسى دائىرىسىدە، مەبلەغ سېلىش ۋە 2030  يىللىق سىجىل تەرەققىيات پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ھەققىدە پىكىر بىردەكلىكى ھاسىل قىلدى.

590110
خىتاي باڭلادېش بىلەن ئىستىراتېگىيەلىك شېرىك بولۇش كېلىشىمى ئىمزالىدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ باڭلادېشتا ئېلىپ بارغان رەسمىي زىيارىتى دائىرىسىدە مەنسەپدىشى ئابدۇل ھامىد ۋە باش مىنىستىر شەيخ ھەسىنە بىلەن ئايرىم ئايرىم ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى.

شى جىنپىڭ پايتەخت داككادىكى رەسمىي زىيارىتى جەريانىدا ھامراھلىقىدىكى ھەيئەتنى ئېلىپ، باڭلادېش دۆلەت رەئىسى ئابدۇل ھامىد، باش مىنىستىرى شەيخ ھەسىنە ۋە مىللىيەتچى پارتىيە رەئىسى خالىدە زىيا بىلەن كۆرۈشتى. 

بۇ قېتىمقى زىيارەت، ئارىدىن 30 يىل ئۆتكەندىن كېيىن خىتايدىن دۆلەت رەئىسى سەۋىيەسىدە ئېلىپ بېرىلغان تۈنجى زىيارەت بولۇش ئالاھىدىلىكى بىلەنمۇ زور ئەھمىيەتكە ئىگە بولدى. ھەر ئىككى تەرەپ ئۇچرىشىشلاردا دوستلۇق ۋە ھەمكارلىق جەھەتتە ئۆزئارا قوللايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈشتى. «بىر يول، بىر بەلۋاغ قۇرۇلىشى» لايىھەسى دائىرىسىدە، مەبلەغ سېلىش ۋە 2030  يىللىق سىجىل تەرەققىيات پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ھەققىدە پىكىر بىردەكلىكى ھاسىل قىلدى. ئىككى دۆلەت ئۆزئارا مۇناسىۋەتلەرنى ئىستىراتېگىيەلىك شېرىكلىك سەۋىيەسىگە كۆتۈرۈش كېلىشىمى تۈزدى.

خىتاي بىلەن باڭلادېش ئوتتۇرىسىدىكى دېپلوماتىك مۇناسىۋەتلەر 1975 – يىلى باشلانغان بولۇپ، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2010 – يىلىدا مۇئاۋىن دۆلەت رەئىسلىك ۋەزىپىسى ئۆتەۋاتقان مەزگىلدىمۇ باڭلادېشتا زىيارەتتە بولغان ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر