ئىراق دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرىنىڭ بەشىكا ھەربىي بازىسىنى زىيارەت قىلغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى

ئىراق ھۆكۈمىتى مۇسۇل ئەتراپىدىكى بەشىكا ھەربىي بازىسىنىڭ رۇخسەتسىز بەرپا قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۆز ۋاقتىدا ئىراق دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرى خالىد ئەلئۇبەيدىنىڭ لاگېرنى زىيارەت قىلغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى.

589574
ئىراق دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرىنىڭ بەشىكا ھەربىي بازىسىنى زىيارەت قىلغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئەلئۇبەيدى 2015 – يىلى 29 – نويابىر كۈنى تۈرك ئەسكەرلىرى تەربىيەلەۋاتقان ئىراقلىق ئەسكەرلەرنى زىيارەت قىلغاندا، مۇنداق دېگەن: «ئەسلا سىلەردىن ۋاز كەچمەيمىز. مۇسۇل ئۇرۇشىنىڭ ھەقىقىي تەييارلىقلىرى باشلىدى. تۈرك ئەسكەرلىرىنىڭ مۇسۇلنى ئازاد قىلىش ھەرىكىتىگە قاتنشىدىغان  ئىراقلىق ئەسكەرلەرنى تەربىيەلەۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ئىنتايىن سۆيۈندۈم. سىلەر ئىراق دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ كاپالىتى ئاستىدا بولۇپ، سىلەردىن ئەسلا ۋاز كەچمەيمىز. تۈرك ئەسكەرلىرى تەربىيەلەپ بەرگەن ئەسكەرلەرنى ئىراق ئارمىيەسىگە داخىل قىلىمىز. سىلەر مۇسۇلنى ئازاد قىلىش ھەرىكىتى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن نىنوۋا زېمىنىغا ساھىب چىقىشتا ناھايىتى زور رول ئوينايسىلەر. سىلەرنى زىيارەت قىلىشىمنى باش مىنىستىر تەلەپ قىلدى. قارىغاندا، سىلەرمۇ بۇنىڭدىن تولىمۇ خۇرسەندەك قىلىسىلەر. سىلەر ئۆزۈڭلارنى ئىراق ئارمىيەسنىڭ بىر قىسمى دەپ قارىشىڭلار كېرەك. خۇدايىم بۇيرىسا، مۇسۇلدا كۆرۈشەرمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر