سۈرىيەدە يۈز بەرگەن ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمى 20 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

سۈرىيەنىڭ ھەلەب شەھىرىنىڭ شىمالىدىكى ئۆكتىچىلەرنىڭ كونترول نۇقتىسىغا قىلىنغان ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمىدا 20 كىشى ئۆلدى، ئونلارچە كىشى يارىلاندى.

589552
سۈرىيەدە يۈز بەرگەن ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمى 20 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەلۇماتلارغا قارىغاندا، تۈركىيە چېگراسىغا يېقىن ئەزىز يېزىسىدا يۈز بەرگەن پارتلاشتا ئۆلگەنلەردىن 14 ى ئۆكتىچى ئەسكەرلەر ئىكەن.

كىلىستىكى كۆپ ساندىكى قۇتقۇزۇش ماشىنىلىرى ئۆجپىنار چېگرا ئېغىزىدىن  سۈرىيە تەرەپكە ئۆتۈپ، دەسلەپكى قەدەمدە 9 يارىدارنى كىلىس دۆلەتلىك دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ كەلدى.

ئىگىلىنىشىچە، يارىلانغانلاردىن بەزىسىنىڭ ئەھۋالى ئېغىر ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر