«مۇسۇل ھەرىكىتىگە پ ك ك قاتناشمايدۇ»

ئامېرىكا تېررورلۇق تەشكىلاتى دپ قارايدىغان پ ك ك نىڭ ئىراقنىڭ مۇسۇل شەھىرىنى دائېشتىن ئازاد قىلىش ھەربىي ھەرىكىتىگە قاتناشمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

589464
«مۇسۇل ھەرىكىتىگە پ ك ك قاتناشمايدۇ»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مارك تونېر كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، بىر مۇخبىرنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە، «پ ك ك نى ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا تېررورلۇق تەشكىلاتى دەپ ئېيتىمىز. جۈملىدىن پ ك ك نىڭ مۇسۇل ھەرىكىتىگە قاتنىشىشىنى قوللىمايمىز» دېدى.

تۈركىيەنىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قارشى ئۆز خەلقىنى قوغداش ھەرىكىتىنى قوللايدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتكەن تونېر، «تۈركىيە پ ك ك نىڭ ھۇجۇملىرىغا قارشى ئۆز خەلقىنى قوغداش ھوقۇقىغا ئىگە» دېدى.

تونېر پ ك ك بىلەن سۈرىيە ۋە ئىراقنىڭ شىمالىدىكى باشقا كورد گۇرۇپپىلارنى بىر – بىرىدىن ئايرىپ قارايدىغانلىقلىرىنى تەكرارلاش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى قۇيرۇقچىسى ي پ گ نىڭ دائېشقا قارشى كۈرەشتىكى مۇھىم بىر كۈچ ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى ھەمدە ئىراق پارلامېنت ئەزاسى ئاۋاتىف نايمەنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نى باغدادتا ئىش بېجىرىش ئورنى تەسىس قىلىشقا چاقىرغانلىقىغا ئالاقىدار سوئالغا جاۋاب بەرگەندە، «پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتى، ئەلۋەتتە بۇنى قوللىمايمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر