شىئەلەرنىڭ كەربالا شېھىتلىرىنى خاتىرىلەش مۇراسىمى قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچىرىدى
ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدىكى ئەڭ چوڭ شىئە قەبرىستانلىقى كارتەئى ساكھىدە ئۆتكۈزۈلگەن كەربالا شېھىتلىرىنى خاتىرىلەش مۇراسىمى قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچىرىدى.
587666
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدىكى ئەڭ چوڭ شىئە قەبرىستانلىقى كارتەئى ساكھىدە شىئە ھازارالار كەربالا شېھىتلىرىنى خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈۋاتقان ئەسنادا قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، بىرى ساقچى بولۇپ جەمئىي 14 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى، 36 ئادەم يارىلاندى.
قوراللىق ھۇجۇمچى بىر قانچە سائەت داۋاملاشقان توقۇنۇشتىن كېيىن ئۇجۇقتۇرۇلدى، تالىبان ھۇجۇم بىلەن ئالاقىسىنىڭ يوقلۇقىنى جاكارلىدى.
كابۇلدا ئىيۇل ئېيىدا يەنە شىئە ھازارالارنىڭ نامايىشى ئەسناسىدا ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، 80 ئادەم ئۆلگەن، 200 ئادەم يارىلانغان، ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۈستىگە ئالغانىدى.