دائېشقا ئائىت 91 نىشان يەر بىلەن يەكسەن قىلىۋېتىلدى

سۈرىيەنىڭ شىمالىنى تېررورلۇق تەشكىلاتىدىن تازىلاش مەقسىتىدە تۈركىيە باشچىلىقىدا 24 –ئاۋغۇست باشلانغان «فىرات قالقىنى» ناملىق ھەربىي ھەرىكەت دائىرىسىدە تۈنۈگۈن دائېشقا ئائىت 91 نىشان يەر بىلەن يەكسەن قىلىۋېتىلدى.

586853
دائېشقا ئائىت 91 نىشان يەر بىلەن يەكسەن قىلىۋېتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھەربىي ھەرىكەت باشلانغاندىن بۇيان 132 ئولتۇراق رايونى، تەخمىنەن 1100 كىۋادرات كىلومېتىرلىق ساھە كونترول ئاستىغا ئېلىندى.

تۈركىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى دۇۋايبىك، جەنۇبىي جۇببان ۋە تەل ئاشاھ رايونلىرىدا 7 نىشاننى ئۇدا 8 قېتىم بومباردىمان قىلدى، دائېش قورال - ياراغ ئىسكىلاتى سۈپىتىدە ئىشلەتكەن 7 بىنانى يەر بىلەن يەكسەن قىلىۋەتتى.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ھەربىي ھەرىكەت دائىرىسىدە دائېشتىن تازىلانغان رايونلاردا ئالدىن تۇزاق قۇرۇپ ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇلغان 28 مىنا، 1023 قول بومبىسى يىراقتىن كونترول قىلىنىدىغان ئۈسكۈنىلەر ئارقىلىق پاچاقلاپ تاشلاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر