مېتيۇ قۇيۇنى 6 مىليارد دوللار ئىقتىسادىي زىيان كەلتۈرۈپ چىقاردى

ھايتى، يامايكا، كۇبا، دومىنىكا جۇمھۇرىيىتى ۋە باھامالارغا زەربە بېرىپ، 900 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغان مېتيۇ قۇيۇنى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىمۇ 16 ئادەمنىڭ ئۆلۈمىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

586237
مېتيۇ قۇيۇنى 6 مىليارد دوللار ئىقتىسادىي زىيان كەلتۈرۈپ چىقاردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھايتى، يامايكا، كۇبا، دومىنىكا جۇمھۇرىيىتى ۋە باھامالارغا زەربە بېرىپ، ئاساسلىقى ھايتىدا بولۇپ 900 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئۆلۈمىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان مېتيۇ قۇيۇنى، ئامېرىكىدا شىددىتىنى ئاستىلاتقان بولسىمۇ، تەسىر كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

شىمالىي كارولىنا ۋالىيسى پات ماك روري يەكشەنبە كۈنى بايانات بېرىپ، ئاپەتتە ئىشتات تەۋەلىكىدە 7 ئادەمنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى. مەھەللىي ئەمەلدارلار بولسا، فىلورىدادا 6، جورجىيادا 3 ئادەمنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى، 4 ئادەمنىڭ ئىز - دېرىكىنىڭ يوقلۇقىنى ئېلان قىلدى.

قۇيۇن يۈزىسىدىن ئامېرىكىدا 2 مىليون ئادەم ئېلېكتىرسىز قالدى، سۇ بېسىپ كېتىش  ۋەقەلىرىمۇ ئېغىر ماددىي زىيانلارنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

دۆلەتلىك قۇيۇندىن مۇداپىئەلىنىش مەركىزى ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، شىمالى كارولىنادىكى نېۇسې دەرياسى بويىدا تاشقىن يۈز بېرىش ئېھتىمالىنى بارلىقىنى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇردى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) 350 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ بۇ قېتىمقى ئاپەت تۈپەيلى ياردەمگە موھتاج ھالەتكە چۈشۈپ قالغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە 2010 – يىلىدىكى يەر تەۋرەشتىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر ۋەيرانچىلىقنى پەيدا قىلغان مېتيۇ قۇيۇنىدىن كېيىن ھايتىدا يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ باش كۆتۈرۈش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىنى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇردى.

مال – مۈلۈك سانلىق مەلۇماتلىرى شىركىتى - كورلوگىكنىڭ ئىنتېرنېت سەھىپىسىدىكى سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، قۇيۇن كەلتۈرۈپ چىقارغان ماددىي زىيان 6 مىليارد دوللارغا يەتكەن. شىركەت، بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئېلان قىلغان سۇغۇرتىلىق ئۆي ۋە سودا مۈلۈكلىرىدە كۆرۈلگەن زىياننىڭ 4 مىليارد دوللارغا يەتكەنلىكى توغرىسىدىكى مۆلچەرىنى قايتا ھېسابلاش ئارقىلىق 6 مىليارد دوللارغا چىقاردى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا ساندي قۇيۇنىدا 20 مىليارد، كارتىنا قۇيۇنىدا 40 مىليارد دوللار زىيان كۆرۈلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر