رۇسىيە كالىنىنگرادقا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئورۇنلاشتۇردى

رۇسىيە كالىنىنگراد شەھىرىگە يادرو بېشى ئورنىتىشقا بولىدىغان ئىسكەندەر ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى ئورۇنلاشتۇردى.

585761
رۇسىيە كالىنىنگرادقا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئورۇنلاشتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، ئىسكەندەر ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنىڭ پولشا ۋە لاتۋىيە ئارىسىدىكى رۇسىيە بىلەن قۇرۇقلۇقتىن تۇتاشمايدىغان كالىنىنگرادقا مانېۋىر ئۈچۈن ئەۋەتىلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

رۇسىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى، مەزكۇر باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنىڭ رۇسىيە ئارمىيەسى ھەربىي تەلىم – تەربىيەسىنىڭ بىر پارچىسى سۈپىتىدە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئىگىلىنىشىچە، رۇسىيەنىڭ ئىسكەندەر ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرى 740 كىلومېتىر مۇساپىگە يېتىپ بارالايدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر