جىنازا مۇراسىمى ئەسناسىدىكى بومباردىمان 140 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى
يەمەننىڭ پايتەختى سانئادا ھۇسىي تەرەپدارلىرىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ئىشتىراك قىلىۋاتقان بىر تەزىيە مۇراسىمى ئىككى قېتىم ھاۋا ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) مەزكۇر ھاۋا ھۇجۇمىدا دەسلەپكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 140 تىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى، 500 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى؛ ب د ت نىڭ ئىنسانىي مەسىلىلەرگە مەسئۇل باش كاتىپ ياردەمچىسى ۋە جىددىي ئەھۋاللار كوردېناتورى ستېفېن ئوبرىئېن يازما بايانات ئېلان قىلىپ، مەزكۇر ھاۋا ھۇجۇمىدا پۇقرالارنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىدىن چوڭقۇر قايغۇرغانلىقىنى، ھۇجۇمنىڭ مىڭلارچە كىشىنىڭ ئىشتىراك قىلىۋاتقان بىر تەزىيە مۇراسىمى ئەسناسىدا يۈز بەرگەنلىكىنى، «بۇ قورقۇنچلۇق شۇنداقلا پەسكەش ھۇجۇمنىڭ ئىنسان ھاياتىنىڭ پەقەت نەزەرگە ئېلىنمىغانلىقىنىڭ نامايەندىسى ئىكەنلىكى» نى ئەسكەرتتى.
ئۇ، خەلقئارا قانۇننىڭ روشەن ئىكەنلىكىنى، ئۇرۇشنىڭ تەرەپلىرىنىڭ پۇقرالار بىلەن ھەربىي نىشانلارنى ئايرىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتكەن ھالدا، بۇ ۋەقە توغرىسىدا ئىچكىرىلەپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ۋە پۇقرالار ياشاۋاتقان جايلارغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىشقا خاتىمە بېرىش توغرىسىدا چاقىرىق قىلدى.
ھۇسىيلارنىڭ «ئەلمەسىيرە» قانىلىنىڭ خەۋىرىدە، سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە كۈچلەرنىڭ ھۇسىيلار بىلەن ئاغدۇرۇۋېتىلگەن رەھبەر ئەلى ئابدۇللاھ سالىھنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى سانئادا ھۇسىي تەرەپدارى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى جەلال ئەررۇۋەيشاننىڭ دادىسىنىڭ تەزىيە مۇراسىمىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەنىدى. بىرلەشمە كۈچلەر، مەزكۇر دەۋالارنى رەت قىلىپ، ھۇجۇم بىلەن ئالاقىسىنىڭ يوقلۇقىنى ئېلان قىلدى.
ئاق ساراي دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشى باياناتچىسى نېد پرايسمۇ ھاۋا ھۇجۇمىنى ئەيىبلەپ، بارلىق تەرەپلەرنى توقۇنۇشلارنى توختىتىش كېلىشىمىگە رىئايە قىلىشقا چاقىردى. ئۇ يازما باياناتىدا، ئامېرىكىنىڭ ۋەقەگە ئالاقىدار خەۋەرلەردىن چوڭقۇر بىئاراملىق ھېس قىلغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ھالدا، «ئامېرىكىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن تۈزگەن خەۋپسىزلىك ھەمكارلىقى <بىر ئوچۇق چەك> ئەمەس» دېگەن ئىبارىنى ئىشلەتتى.
باياناتتا، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنىڭ قوغدىنىشىغا ئەھمىيەت بېرىش بىلەن بىرگە يەمەندە كۈچىيىپ كەتكەن زوراۋانلىق ۋەقەلىرىگە دائىر ئەندىشىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشنىڭمۇ داۋاملىشىدىغانلىقى تەكىتلەندى.
پرايس باياناتىدا، ۋاشىنگتون دائىرىلىرىنىڭ جىنازا ھۇجۇمى قاتارلىق يېقىنقى كۈنلەردە يەمەندە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى بىرلەشمىگە قىلىۋاتقان ياردىمىنى ئازايتقانلىقىنى، <ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ پىرىنسىپلىرى> دائىرىسىدە بۇ مەسىلىنى قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.