ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە تېلېفون دىپلوماتىيەسىنى داۋاملاشتۇرماقتا

سۈرىيەگە ئالاقىدار ئىككى تەرەپ ئۇچرىشىشلىرىنى توختىتىپ قويغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن رۇسىيە، يۇقىرى دەرىجىلىكلەر تېلېفون دىپلوماتىيەسىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

584264
ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە تېلېفون دىپلوماتىيەسىنى داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مارك تونېر، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كېررى بىلەن رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋنىڭ سۇرىيە مەسىلىسىگە چارە تېپىش يولىدىكى تېلېفون سۆھبەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى. ئۇ، «ھەلەبتە يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنى نەزەرگە ئالىدىغان بولساق، لاۋروۋ بىلەن مۇنتىزىم ھالدا كۆرۈشمەسلىك مەسئۇلىيەتسىزلىك بولىدۇ» دېدى.

مارك تونېر، كېررىنىڭ يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە ئەنگلىيە، گېرمانىيە، تۈركىيە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە قاتارلىق مەنسەپداشلىرى بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، رۇسىيەنىڭ سۈرىيەدە ۋەدىسىدە تۇرمىغانلىقىنى ۋە توقۇنۇشلارنىڭ توختىتىلىشى كېلىشىمىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى سەۋەب قىلىپ، ئىككى تەرەپ ئۇچرىشىشلىرىنى توختاتقانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.

بۇ جەرياندا، موسكۋا ۋاشىنگتون بىلەن 2013 يىلى ئىمزالانغان ئىلمىي تەتقىقات، ئېنېرگىيە ۋە يادرو ساھەسىدىكى تەرەققىيات كېلىشىمىنى توختاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى. رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئامېرىكا بىلەن تۈزۈلگەن پلۇتۇننى قىسقارتىش كېلىشىمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى مەزمۇن قىلغان قارارنامىنى ئىمزالىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر