گېرمانىيە تۈركىيەنىڭ ئىراقتىكى ھەربىي مەۋجۇدىيىتىنى قوللىدى

گېرمانىيە پارلامېنتى دۆلەت مۇداپىيەسى كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى تۈركىيەنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرەش دائىرىسىدە باشىكادا ئەسكەر تۇرغۇزۇشىنىڭ قانۇنلۇق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

583882
گېرمانىيە تۈركىيەنىڭ ئىراقتىكى ھەربىي مەۋجۇدىيىتىنى قوللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە پارلامېنتى دۆلەت مۇداپىيەسى كومىتېتىنىڭ 7 نەپەر ئەزاسى ئۇدا ئىككى كۈندىن بۇيان تۈركىيەدە زىيارەتتە بولماقتا.

كومىتېت ئەزالىرى ئالدى بىلەن پايتەخت ئەنقەرەدە تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى دۆلەت مۇداپىيەسى كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى يۈسۈف بەيازىت بىلەن كۆرۈشتى.

كېيىنچە ئاداناغا ئۆتكەن ھەيئەت 250 ئەتراپىدا گېرمان ئەسكىرى ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئىنجىرلىك بازىسىنى زىيارەت قىلدى.

ئارقىدىن ئىزمىرغا يېتىپ بارغان ھەيئەت بۇ يەردە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

دۆلەت مۇداپىيەسى كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى كارل لامىرس تۈركىيەدىكى ئۇچرىشىشلىرى جەريانىدا ھەر ئىككى تەرەپنىڭ مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاشتۇرۇشنى چىن دىلىدىن ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەنلىكلىرىنى ئەسكەرتتى.

فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرىنىڭ 15 – ئىيۇل ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشىنىمۇ قاتتىق ئەيىبلىگەن لامىرس ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشى جەريانىدا ھۇجۇمغا ئۇچرىغان تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىنىمۇ زىيارەت قىلغانلىقلىرىنى، گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېلنىڭمۇ ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشى جەريانىدا يۈز بەرگەن ھادىسىلەردىن تولىمۇ ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى، جۈملىدىن ھەمىشە تۈركىيەنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىنى كۆپ قېتىم تەكىتلىگەنلىكىنى ئېيتتى.

لامىرس ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك بولۇشى ۋە تۈركىيە بىلەن گېرمانىيەنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشى لازىملىقىنى تەكىتلىدى.

كومىتېتنىڭ سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسى ئەزاسى راينېر ئارنولد بىر مۇخبىرنىڭ ئىراق ئاۋام پالاتاسىنىڭ تۈركىيەنىڭ باشىكا رايوندىكى ھەربىي مەۋجۇدىيىتىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقى توغرۇلۇق ئالغان قارارى ھەققىدە سورىغان سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، «گېرمانىيەمۇ خۇددى تۈركىيەگە ئوخشاشلا شىمالىي ئىراق رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ ھەربىي ئۇنسۇرلىرى بولغان پەشمەرگەلەرنى تەربىيەلەۋاتىدۇ» دېدى.

تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتە تۈركىيەنى يېقىندىن قوللايدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتكەن ئارنولد بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، تۈركىيەنىڭ باشىكادىكى ھەربىي مەۋجۇدىيىتىنىڭ قانۇنلۇق ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

كومىتېت ئەزالىرى يېقىندىن بۇيانقى تۈركىيە - رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى يېقىنلىشىشنىڭ نورمال ئەھۋال ئىكەنلىكىنى، بۇنى «تۈركىيەنىڭ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىشى» دەپ قارىمايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر