ھولليۋود چولپىنى مۇساپىر ئائىلىنى قايتا زىيارەت قىلدى

ھولليۋود چولپىنى لىندزى لوھان ئىستانبۇل  سۇلتانبەيلىدىكى سۈرىيەلىك مۇساپىر ئائىلىنى ئىككىنچى قېتىم زىيارەت قىلدى.

583495
ھولليۋود چولپىنى مۇساپىر ئائىلىنى قايتا زىيارەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۇ ئائىلىنى ئۆتكەن ھەپتىمۇ زىيارەت قىلغان ۋە تەكرار زىيارەت قىلىش توغرۇلۇق ۋەدە بەرگەن چولپان ۋەدىسىدە تۇردى.

مۇھەممەد ھۈسەيىن ۋە ئۇنىڭ بالىلىرى بىلەن ئۇزۇن پاراڭلاشقان لوھان ئۇلارنى پات - پات باغرىغا باستى ۋە مېھرى بىلەن سۆيدى ھەمدە ئۇلارغا ئالغاچ كەلگەن ھەدىيەلەرنى بېرىشنىمۇ ئۇنتۇمىدى.

بۇ ئائىلىنىڭ كەچۈرمىشلىرىنىڭ ئۆزىگە ئىنتايىن تەسىر قىلغانلىقىنى، شۇڭا قايتا زىيارەت قىلىش ئېھتىياجى ھېس قىلغانلىقىنى ئەسكەرتكەن لوھان مۇنداق دېدى: «بۈگۈن بۇ يەرگە تەكرار كەلدىم. چۈنكى پۇت – قولىدىن يارىلانغان بىر دادىنىڭ ئۈچ بالىسىغا ھەم ئانا ھەم دادا بولۇشى ئادەمگە قاتتىق تەسىر قىلىدۇ. بىز سەنئەتچىلەر ئاممىۋى تاراتقۇلاردىن پايدىلىنىپ، خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ دىققىتىنى سۈرىيەدە يۈز بەرگەن ئىنسانىي تىراگېدىيەگە مەركەزلەشتۈرۈشكە تىرىشىشىمىز كېرەك. بۇ ھەقتە پۈتكۈل دۇنيانى ئاگاھلاندۇرۇشىمىز لازىم. مەشھۇر شەخسلەر ئاممىۋى تاراتقۇلارنى پەقەت ئۆزلىرىنى تونۇشتۇرۇش ئۈچۈنلا ئەمەس، ياردەمگە مۇھتاج ئىنسانلارنىڭ نالە – پەريادلىرىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈنمۇ ئىشلىتىشى كېرەك. تۈركىيە سۈرىيەلىك كۆچمەنلەرگە ساھىبخانىلىق قىلىش جەھەتتە ناھايىتى زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرمەكتە ھەمدە ناھايىتى ياخشى ئىشلارنى قىلماقتا. پۈتكۈل جاھان سۈكۈتكە چۆمۈپ كەتكەن بولۇشىغا قارىماي، تۈركىيە سۈرىيەلىك مۇساپىرلارغا ناھايىتى ياخشى شەكىلدە ساھىبخانىلىق قىلماقتا. شۇڭا مەن ئىلگىرى تۈركىيە رەھبەرلىرىنىڭ <دۇنيا بەشتىنمۇ چوڭ> سۆزىنى يېقىندىن قوللىدىم. دۇنيادا كۆپلىگەن دۆلەتلەر قىلالمىغان ئىشلارنى تۈركىيە روياپقا چىقىرىۋاتىدۇ. تولىمۇ ئەپسۇسكى، 5 چوڭ دۆلەت ۋەدە بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما ۋەدىسىگە ئەمەل قىلمايۋاتىدۇ.»

تەتۈر تەشۋىقاتلار سەۋەبىدىن تۈركىيەگە كېلىشتىن قورقىدىغانلارنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتكەن لوھان «ئەمما مەن تۈركىيەگە كەلگەنلىكىم ئۈچۈن ئۆزۈمنى تولىمۇ بەختلىك ھېس قىلىۋاتىمەن. تۈركىيە بىزنى قىزغىن قارشى ئالماقتا، باغرىغا باسماقتا. تۈركىيەدە مەدەنىيەتدىن سۆيگۈ، ئىشقى مۇھەببەت ۋە مېھماندوستلۇققىچە ھەممە نەرسە تېپىلىدۇ، كەم نەرسە يوق» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر