قوراللىق ئىسيانچىلار: ھۆكۈمەت بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە تەييارمىز

كولومبىيە ئىسيانچى كۈچلىرىدىن كولومبىيەدە ھۆكۈمەت بىلەن كولومبىيە ئىنقىلابچى قوراللىق كۈچلىرى تەرىپىدىن دۈشەنبە كۈنى ئىمزالانغان گە قېتىلىشنى خالايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

579515
قوراللىق ئىسيانچىلار: ھۆكۈمەت بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە تەييارمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كولومبىيە ئازادلىق ئارمىيەسى ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق بايانات بېرىپ، تەشكىلاتنىڭ ھۆكۈمەت بىلەن ئۆزى ئارىسىدىكى ئالاھىدە پەرقلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشكە تەييار ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى.

ھۆكۈمەت بىلەن دۆلەتنىڭ ئىككىنچى چوڭ سولچىل ئىدىيىدىكى پارتىزانلىق تەشكىلاتى بولغان <كولومبىيە ئازادلىق ئارمىيەسى>، مارت ئېيىدا تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشنى باشلايدىغانلىقلىرىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، پىرېزىدېنت جۇان مانۇئېل سانتوس، كولومبىيە ئازادلىق ئارمىيەسى مەنسۇپلىرىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى بىر سىياسەتچىنى گۆرۈگە ئېلىۋېلىشىدىن كېيىن تەشكىلاتنىڭ گۆرۈگە ئېلىۋېلىش قىلمىشلىرىدىن ۋاز كېچىشىنى تەلەپ قىلغان، شۇنىڭ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈلەلمىگەنىدى.

كولومبىيە ھۆكۈمىتى بىلەن كولومبىيە ئىنقىلابچى قوراللىق كۈچلىرى ئارىسىدا 52 يىللىق ئىچكى ئۇرۇشقا خاتىمە بېرىدىغان تىنچلىق كېلىشىمى دۈشەنبە كۈنى ئىمزالانغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر