قېرىنداشلىرىنىڭ قىرغىن قىلىنىشىنى تەنتەنە ئىچىدە تەبرىكلەشتى

سۈرىيە ئۇرۇشىنىڭ ئەڭ ئېغىر بومباردىمانلىرىغا دۇچار بولۇۋاتقان ھەلەب شەھىرىدىكى پۇقرالارنىڭ قىرغىن قىلىنىشى ھاراق - شاراپ، ناخشا - ئۇسسۇل سورۇنى ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ تەبرىكلەندى.

579433
قېرىنداشلىرىنىڭ قىرغىن قىلىنىشىنى تەنتەنە ئىچىدە تەبرىكلەشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيە ئۇرۇشىنىڭ ئەڭ ئېغىر بومباردىمانلىرىغا دۇچار بولۇۋاتقان ھەلەب شەھىرىدە يېقىنقى 10 كۈن ئىچىدە 930 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلغان بولسا، بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى كونتروللۇقى ئاستىدىكى جايلاردا قىرغىنچىلىقلار تەبرىكلەندى.

«قىرغىنچىلىقنى تەبرىكلەش ئولتۇرۇشى» دا ھاراق ئىچىپ، ناخشا – مۇزىكىلارنى چېلىپ بىر قانچە سائەت كۆڭۈل ئاچقان ئەسەد تەرەپدارلىرى، ھەر قېتىم بومبا تاشلانغىنىدا ھاياجانلىنىپ ۋارقىراشتى.

26 – سېنتەبىر كۈنى ھەلەب مىقياسىدا ئۇقتۇرۇش تارقىتىلىپ، مەركەزگە جايلاشقان موگامبو مەھەللىسىدە بومباردىمانلارنىڭ شەرىپىگە كاتتا زىياپەت بېرىلىدىغانلىقى ئېلان قىلىندى. يۈزلەرچە ئەسەد تەرەپدارى، كەچتە باشلانغان زىياپەتكە قاتنىشىپ كۆڭۈل ئاچتى. ئۆكتىچىلەرنىڭ كونتروللۇقىدىكى جايلارغا ھەر قېتىم بومبا تاشلانغاندىن كېيىن ئەسەد تەرەپدارلىرى شاتلىق تەنتەنىسىگە چۈمدى؛ تاڭ ئاتقۇچە داۋاملاشقان قىرغىنچىلىقنى تەبرىكلەش زىياپىتىدە ئىشتىراكچىلار ھەقسىز شۇنداقلا چەكلىمىسىز ھاراق بىلەن تەمىنلەندى.

ھەلەبنىڭ بومباردىمان قىلىنىشىنى تەبرىكلىگەن ئەسەد تەرەپدارلىرىنىڭ كۆڭۈل ئېچىش زىياپىتىنىڭ چىقىملىرىنى سۈرىيەلىك سودا – سانائەتچىلەر ئۈستىگە ئالدى؛ ھاراق – شاراپ ۋە ناخشا – مۇزىكىلار ئارىسىدا ئۇدا بىر قانچە سائەت ئۇسسۇل ئويناپ كۆڭۈل ئاچقان كىشىلەرنىڭ پۈتكۈل چىقىملىرىنى فارىس شىھابى، ئېدۋار ماكاربېين، جورج ئانتاكى ھەسەن يەھيا زىدو، بەشىر يازىجى، سۇلايمان مەرۇف ۋە مۇھەممەد ئەلى مەنسۇر قاتارلىق سودا – سانائەتچىلەرنىڭ ئۈستىگە ئالغانلىقى ئېلان قىلىندى.

ئەسەدنىڭ بومباردىمانلىرىغا دۇچار بولغانلارنىڭ ئارىسىدا ناۋايخانا ئالدىدا ئۇچرەتتە تۇرۇۋاتقان پۇقرالار ۋە دوختۇرخانىلاردىكى بىمارلارمۇ بار.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر