خىتايدا تەيفېڭ بورىنى ئاپىتى يۈز بەردى

خىتاينىڭ جەنۇبىي ۋە شەرقىي رايونلىرىغا تەسىر كۆرسەتكەن تەيفېڭ بورىنى ئاپىتىدە 1 كىشى قازا قىلدى.

579204
خىتايدا تەيفېڭ بورىنى ئاپىتى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۈنۈگۈن دۆلەتنىڭ جەنۇبىي ۋە شەرقىي رايونلىرىغا تەسىر كۆرسىتىشكە باشلىغان تەيفېڭ بورىنى بىر قىسىم رايونلاردا سەل ئاپىتى ۋە يەر كۆچۈشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

فۇجيەن ئۆلكىسىدە تەيفېڭ بورىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان سەل ئاپىتىدە بىر كىشى قازا قىلغان بولۇپ، جېجاڭ ئۆلكىسىدە يوقاپ كەتكەن 33 كىشىنى تېپىش ئۈچۈن ئىزدەش - قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرى داۋاملاشماقتا ئىكەن.

تەيفېڭ بورىنىنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغان رايونلاردا ئۇچۇش سەپەرلىرى ۋە دۆلەت ئورۇنلىرى بىكار قىلىنغان، مىڭلارچە كىشى بىخەتەر جايلارغا تارقاقلاشتۇرۇلغان.

مۇشۇ ھەپتىنىڭ باشلىرىدا ھەيۋەندىمۇ يۈز بەرگەن تەيفېڭ بورىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان سەل ئاپىتىدە 4 كىشى قازا قىلغان، 527 كىشى يارىلانغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر