پۇتىن تۈركىيەدە زىيارەتتە بولۇشى مۇمكىن

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ تۈركىيەدە زىيارەت بولۇش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقى بىلدۈرۈلدى.

578746
پۇتىن تۈركىيەدە زىيارەتتە بولۇشى مۇمكىن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ كېلەر ئاي تۈركىيەدە زىيارەتتە بولۇش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقى بىلدۈرۈلدى.

بۇ ھەقتە كىرمېل سارىيى باياناتچىسى دىمىترى پەسكوۋ بايانات بەردى.

پېسكوۋ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ نويابىردا تۈركىيەدە زىيارەتتە بولۇش ياكى بولماسلىق توغرىسىدا سورالغان بىر سوئالغا قارىتا مۇنداق دېدى: «زىيارەتتە بولۇشى مۇمكىن.»

باياناتچى  پېسكوۋ  يەنە مۇنداق دېدى: «تەييارلىق خىزمەتلىرى داۋاملىشىۋاتىدۇ، ئەگەر ئېنىق بولغاندا بۇ ھەقتە دەرھال بايانات بېرىلىدۇ.»

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىرپۇتىن تۈركىيەدە بۇلتۇر نويابىردا ئانتالىيادا ئۆتكۈزۈلگەن گ-20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلەر ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنى دائىرىسىدە تۈركىيەدە زىيارەتتە بولغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر