پاپا: ھەلەبنى بومباردىمان قىلغۇچىلار تەڭرى ھۇزۇرىدا چوقۇم ھېساب بېرىدۇ

كاتولىك دۇنياسىنىڭ روھانىي رەھبىرى پاپا فىرانسىسكۇس ھەلەبنى بومباردىمان قىلغۇچىلارنىڭ تەڭرى ھۇزۇرىدا چوقۇم ھېساب ېېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

578890
پاپا: ھەلەبنى بومباردىمان قىلغۇچىلار تەڭرى ھۇزۇرىدا چوقۇم ھېساب بېرىدۇ

كاتولىك دۇنياسىنىڭ روھانىي رەھبىرى پاپا فىرانسىسكۇس سۈرىيەنىڭ ھەلەب شەھىرىنىڭ بومباردىمان قىلىنىشىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

چارشەنبە كۈنلىرى ۋاتىكاننىڭ ئەزىز پېترۇس مەيدانىدا ئۆتكۈزۈپ كېلىنىۋاتقان خەلقنى قوبۇل قىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلغان پاپا،  سۈرىيەنىڭ ھەلەب شەھىرىنىڭ بومباردىمان قىلىنىشى توغرۇلۇق توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ بومباردىمانلارنىڭ جاۋابكارلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ۋىجدانلىرىغا شۇنى خىتاپ قىلماقچىمەن: تەڭرى ھۇزۇرىدا چوقۇم ھېساب بېرىسىلەر.»

سۆزىنىڭ ئاخىرقى قىسمىنى سۈرىيە بىلەن ھەلەبكە ئاجراتقان پاپا مۇنۇلارنى بايان قىلدى: « مېنىڭ سۈرىيە توغرولۇق قاراشلىرىم سۈرىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىدەكلا خاراپ بولدى. ھەلەب خەلقىنىڭ ئېچىنىشلىق تىراگېدىيەلەرگە دۇچار بولىۋاتقانلىقلىرى توغرۇلۇق خەۋەرلەرنى ئاڭلاپ تۇرۇۋاتىمەن، ئۇلارنىڭ ئازاپ-ئوقۇبەتلىرىنى ئۇلار بىلەن بىرلىكتە ھېس قىلىۋاتقانلىقىمنى، دۇئا ۋە مەنىۋى جەھەتتە ئۇلارغا يېقىن ئىكەنلىكىمنى ئالاھىدە ئەسكەرتمەكچىمەن. بالىلار، ياشانغانلار، بىمارلار، ياشلار  بولۇپ ھەممە ئادەم بىر-بىرلەپ ئۆلۈپ كېتىۋاتقان بۇ مەزلۇم شەھەردە يۈز بېرىۋاتقانلار سەۋەبىدىن چوڭقۇر قايغۇرۇۋاتىمەن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر