پەلەستىن: ئىسرائىلىيە بىلەن تىنچلىق كېلىشىمى ھاسىل قىلىش مۇمكىن ئەمەس

پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباس ئىسرائىلىيە بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.

577942
پەلەستىن: ئىسرائىلىيە بىلەن تىنچلىق كېلىشىمى ھاسىل قىلىش مۇمكىن ئەمەس

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباس ئىسرائىلىيە بىلەن تىنچلىق كېلىشىمى ھاسىل قىلىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئېيتتى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشى 71-نۆۋەتلىك مۇزاكىرىلەرگە قاتنىشىش ئۈچۈن نىيۇيوركقا بارغان ئابباس، ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى دېدى: «تەجرىبەمكى تايىنىپ شۇنى دېيەلەيمكى، نېتانياھۇ بىلەن تىنچلىق كېلىشىمى ھاسىل قىلىش تولىمۇ تەس. نېتانياھۇ ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى ۋە قارارلىدىن سىرت پۈتكۈل دۇنيا قوبۇل قىلىدىغان <1967 –يىلى بېكىتىلگەن چېگرالارغا ماس ھالدا ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسى>نىمۇ قوبۇل قىلمايۋاتىدۇ. بۇ مەسىلە ئۈستىدە كېلىشىم ھاسىل قىلماي تۇرۇپ قانداقمۇ تىنچلىق كېلىشىمى ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ؟»

ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرىنىڭ ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ موسكوۋادا ئۇچرىشىشىغا مۇناسىۋەتلىك رۇسىيەنىڭ پىكىر-تەكلىپلەردىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئابباس مۇنداق دېدى: «رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن، نېتانياھۇ بىلەن كۆرۈشۈش توغرۇلۇق بىزنىڭ قارىشىمىزنى بىلىش مەقسىتىدە بىر ئەلچى ئەۋەتتى. بىز كۆرۈشۈشكە ئىجابىي قارايدىغانلىقىمىزنى بىلدۈردۇق، بۇنىڭدىن نېتانياھۇننىڭ خەۋىرى بار. بىراق نېتانياھۇ بىزنىڭ كۆرۈشۈشكە سەلبىي قارايدىغانلىقىمىزنى ئىلگىرى سۈردى، رۇسىيە بولسا مېنىڭ 8-سېنتەبىردە موسكوۋادا كۆرۈشۈشكە تەييار ئىكەنلىكىمنى نېتانياھۇغا بىلدۈردى. ئىسرائىلىيە رۇسىيە ئەۋەتكەن ئەلچىگە، كۆرۈشۈشنى كېچىكتۈرۈشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى يەتكۈزۈپتۇ.»

پەلەستىن زېمىنلىرىدا بەرپا قىلىنغان يەھۇدىي تۇرالغۇ جايلىرىنىڭ قانۇنسىز ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتكەن ماھمۇد ئابباس سۆزلىرىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى: «ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە ئىسرائىلىيەنىڭ يېڭى تۇرالغۇ رايونلىرى بەرپا قىلىشىنىڭ قانۇنسىز ئىكەنلىكىنى ۋە دەرھال توختىتىلىشىنى مەزمۇن قىلغان 12دىن ئارتۇق قارارنامە بار. ئىسرائىلىيە بىز ۋە خەلقئارانىڭ چاقىرىقلىرىنىڭ ئەكسىچە، پەلەستىن زېمىنلىرىدا يېڭى تۇرالغۇ رايونلىرى بەرپا قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.»

پەلەستىن-تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرى ئۈستىدىمۇ توختالغان ئابباس يەنە مۇنداق دېدى: «تۈركىيە-پەلەستىن مۇناسىۋەتلىرى ناھايىتى ياخشى، ئوتتۇرىمىزدا ھېچقانداق مەسىلە يوق. تۈركىيەنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا قەتئىي ئارىلاشمايمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر