ھىلارىي كىلىنتون بىلەن دونالد تىرامپ بىر تېلېۋىزىيە پىروگراممىسىدا كەسكىن «ئېلىشتى»

ئامېرىكىدا دېموكراتچىكلار پارتىيەسى پىرېزىدېنت نامزاتى ھىلارىي كىلىنتون بىلەن جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى پىرېزىدېنت نامزاتى  دونالد تىرامپ،  بىر تېلېۋىزىيە پىروگراممىسىدا كەسكىن بەس-مۇنازىرە قىلىشتى.

577944
ھىلارىي كىلىنتون بىلەن دونالد تىرامپ بىر تېلېۋىزىيە پىروگراممىسىدا كەسكىن «ئېلىشتى»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا نويابىردا ئۆتكۈزۈلىدىغان پىرېزىدېنتلىق سايلاملىرىدىن ئىلگىرى، دېموكراتچىكلار پارتىيەسى پىرېزىدېنت نامزاتى ھىلارىي كىلىنتون بىلەن جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى پىرېزىدېنت نامزاتى  دونالد تىرامپ،  تۇنجى قېتىم بىر تېلېۋىزىيە پىروگراممىسىدا بەس-مۇنازىرە قىلىشتى.

CNN خەلقئارا تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ نەق مەيدان تارقىتىش پىروگراممىسىغا قاتناشقان ئىككى پىرېزىدېنت نامزاتى، يادرو قوراللىرىدىن سىبەر قوراللىرىغىچە،ئوتتۇرا شەرق سىياسەتلىرىدىن دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى كۈرەش قىلىشقىچە بولغان نۇرغۇن مەسىلىلەر توغرۇلۇق كۆز-قاراشلىرىنى بايان قىلىپ قاتتىق تالاش-تارتىش قىلىشتى.

مىليونلارچە ئامېرىكىلىقنى ئۆزىگە جەلپ قىلغان بۇ پىروگرامما توغرۇلۇق ئېلىپ بېرىلغان ئانالىزلار، كىلىنتوننىڭ تاشقى سىياسەت ۋە ئىقتىسادىي مەسىلىلەرگە تۇتقان تەمكىن پوزىتىيەسى ۋە بۇ مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئەتراپلىق قاراشلىرى بىلەن رەقىبى دونالد تىرامپقا قارىغاندا كۆرىنەرلىك دەرىجىدە ئالدىدا ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى.

نىيۇيوركتىكى ھافسترا ئۇنىۋېرسىتېتىدە ئېلىپ بېرىلغان بەس-مۇنازىرىنىڭ تۇنجى تېمىسى سېلىنمىلار بىلەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسى بولدى. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ياكى ئىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىش مەسىلىسىنىڭ «ئامېرىكىدىن يىراقلاپ كەتكەنلىكىنى»ئىلگىرى سۈرگەن تىرامپ، بۇ ئىشقا خەلقئارا سودا كېلىشىملىرىنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

كىلىنتون بولسا سېلىنمىلارنى ئاشۇرۇش ۋە 10مىليون كىشىگە ئىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىشكە ۋەدە بەردى. ئامېرىكا ئىقتىسادىنى «ئىچى بوش چوڭ شار»غا ئوخشاتقان تىرامپ، دېموكراتچىلار پارتىيەسىنىڭ نامزاتىنى «قۇرۇق گەپنى قىلىپ ئەمەلىي ئىش قىلماسلىق بىلەن» ئەيىبلىدى. ھىلارىي كىلىنتون بولسا ئۇنىڭ بۇ سوئالىغا قارىتا، ئىقتىساد توغرۇلۇق ئۆزىنىڭ يازغان كىتابلىرىنى ئوقۇپ بېقىشنى تەۋسىيە قىلدى.

دونالد تىرامپ باج  دەپتەرلىرىنى ئېلان قىلىش مەسىلىسى كۈنتەرتىپكە كەلگەندە دەرھال ئۆزىنى مۇداپىئە قىلىشقا ئۆتتى ۋە كىلىنتوننىڭ خۇسۇسىي ئىلخەتلىرى ئۈستىدىكى تەكشۈرۈش خىزمەتلىرىنى ئەسلىتىپ ئۆتتى، تىرامپ كىلىنتوننىڭ ئۆچۈرۈۋېتىلگەن ئىلخەتلىرىنىڭ مەزمۇنى ئېلان قىلغان تەقدىردە، ئۆزىنىڭمۇ باج دەپتەرلىرىنى ئېلان قىلىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

كىلىنتون خۇسۇسىي ئىلخەت ئادرىسىنى ئىشلىتىشىنىڭ «خاتا»ئىش ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغاندىن سىرت مۇنداق دېدى: «دائېشنىڭ ئىزىغا چۈشىشىمىز كېرەك.» بۇنىڭغا قارىتا تىرامپا «ياشلىقىڭىزدىن بېرى دائېشقا قارشى كۈرەش قىلىپ كېلىۋاتىسىز. ئەمەلىيەتتە دائېشنىڭ بۇنچىلىك كۈچىيىپ كېتىشى سىلەرنىڭ سىياسەتلىرىڭلارنىڭ ئەسىرىدۇر»دېيىش ئارقىلىق، رەقىبى ھىلارىي كىلىنتونمۇ ئورۇن ئالغان ئوباما ھاكىمىيتىنى تەنقىد قىلدى.

ئامېرىكا مىقياسىدا ئەۋج ئېلىۋاتقان قارا تەنلىكلەرگە زوراۋانلىق قىلىش قىمىشلىرىمۇ كۈنتەرتىپكە كەلدى.

جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى نامزاتى  تىرامپنىڭ ياشلىقىدا ئايرىمچىلىق قىلغانلىقى توغرۇلۇق ھۆججەت بارلىقىنى ئېتىپ، ئامېرىكىدا ئىرقنىڭ نۇرغۇن نەرسىنى بەلگىلەپ قويىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان كىلىنتون «جىنايىي ئىشلار قانۇنلىرىدا ئىسلاھات ئېلىپ بارىدىغانلىقى»توغرىسىدا ۋەدە بەردى.

پىروگرامما ئەسناسىدا ئامېرىكىنىڭ ھەر قايسى ئىشتاتلىرىدا كوچىلار قۇرۇقدىلىپ قالدى.

100مىلىيون كىشىنىڭ كۆرگەنلىكى مۆلچەرلەنگەن بۇ قېتىمقى بەس-مۇنازىرە پىروگراممىسى، تېلېۋىزىيەچىلىك تارىخىدا ئەڭ كۆپ كۆرۈلگەن بەس-مۇنازىرە پىروگراممىسى بولغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

ئىككى رەھبەر 19-ئۆكتەبىردە يەنە بىر قېتىملىق بەس-مۇنازىرە پىروگراممىسىغا قېتىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر